2007.01.16
16 - يانۋار ئۈنى، تەڭرىتاغ تور بېتىدە بېيجىڭدا نەشىر قىلىنىدىغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى چىن گاڭنىڭ «پامىر ئىگىزلىكىدىكى ھەربى – خەلق ھەمكارلىشىپ تېررورچى كۈچلەرگە زەرب بېرىۋاتقانلىقىغا شاھىد بولدۇم» دېگەن تېمىدىكى ماقالىسى بېسىلدى.
مەزكۇر ماقالىدا، 18 نەپەر تېررور گۇماندارىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، 17 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى قايتا تەكرارلىغان بولسىمۇ، ۋەقە يۈز بەرگەن جايلارنى يەنىلا ئېنىق ئىسپاتلىيالمىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا 18 نەپەر تېررور گۇماندارىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، 17 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق غەرب مەتبۇئاتلىرىدا «ئۆلتۈرۈلگەن ۋە قولغا ئېلىنغان تېررور گۇماندارلىرى بەلكىم كانچى ياكى شەخسى قۇرال -ياراق ساتقۇچىلار بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ ھەقتە چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماي تۇرۇپ، ئاددىي ھۆكۈم چىقىرىلماسلىقى كېرەك» دېگەندەك تەنقىدىي پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
تەڭرىتاغ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدا، غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ خىل تەنقىدىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇلغان بولۇپ، «غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىزنى بۇنداق ئەيىبلەش ھوقۇقى يوق. ئۇلارنىڭ ئەيىبلىشى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.
مەزكۇر ماقالىدا ئاپتور چىنگاڭ يەنە پامىر ئىگىزلىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتا، يەرلىك ھەربىيلەر بىلەن قانداق ھەمكارلاشقانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشقان. (مېھرىبان)