2007.01.14
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كانادا باش مىنىستىرى ستېپان خارپېر 11- يانۋار كۈنى كانادا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد توختىنى قوبۇل قىلغان. كۆرۈشۈشكە كانادانىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جەيسون كېننېي ۋە باش مىنىستىرنىڭ ئوتتۇرا شەرق ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مەسلىھەتچىسى ۋاجىتخان قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان.
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد توختى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىم نامىدىن ئۆتكەن يىل 12-ئايدا ستېپان خارپېرنىڭ د ئۇ ق ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە ھۈسەيىن جېلىل دېلوسىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقاندىن باشقا، خىتايدا زىيارەتتتە بولۇۋاتقان كانادا خەلقئارا سودا مىنىستىرىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىنى قايسى جەھەتلەردىن ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى سوراپ، كانادانىڭ مەزكۇر دېلو ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىدا ھىچ قانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، ئەمما يەنىلا كۆپ خىزمەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىزھار قىلغان.
كانادا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جېيسون كېننەي كانادا دائىرىلىرى بىلەن خىتاي تەرەپنىڭ بېيجىڭدىكى كۆرۈشۈشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەرگەن ئىنكاسىنى دەرھال ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى ۋە مەزكۇر دېلونىڭ كانادا ›نىڭ كۇن تەرتىپىنىڭ باش ماددىسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
كۆرۈشۈش ئاخىرىدا باش مىنىستىر ستېپان خارپېر، ئۇكج رەئىسى مۇھەممەت توختى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رابىيە خانىمغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى ۋە سالىمىنى يوللىدى.
باش مىنىستىر ستېپان خارپېر 2006-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۇنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. بۇ ئۇچرىشىش كانادا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ باش مىنىستىر بىلەن بولغان 3-قېتىملىق ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدۇ. (ئۈمىدۋار)