2007.01.11

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ب د ت نىڭ پامىر ئىگىزلىكىدىكى ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلدى.

پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنىڭ كۈتىۋىلىش يېغىنىدا بىر مۇخبىرنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ پامىر ئىگىزلىكىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە ب د ت تەرىپىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى توغرىسىىدىكى تەلىپى ھەققىدىكى سۇئالىنى جاۋابلاندۇرغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ»: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستان- پاكىستان چېگرا رايونىدىكى تېررورلۇق لاگىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمى، خىتايدا ئەلقائىدىگە ئوخشاش بىر تەشكىلاتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان» دېدى.

«جۇڭگۇنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئېلىپ بارغان ھۇجۇمى ھەم خىتاي ئۈچۈن ھەم دۈنيا ئۈچۈن پايدىلىق» دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە تېررور لاگىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن لىيۇ جەنچاۋ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ب د ت تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتلار تېزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 9‏- دېكابىر كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئەگەر خەلقئارادا ئىتىبارلىق بىر دۈلەت بولۇشنى خالىسا، ب د ت نىڭ پامىر ئىگىزلىكىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (ئەقىدە)