2007.01.11

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 2006 – يىلدىكى يەر شارى كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىنى ئەيىبلىدى شۇنداقلا دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا دائىر قىسىمىدا خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ئاتالمىش 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولدى، دەپ تەنقىدلىدى.

خىتاي «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەربە بېرىشنى قانۇنلاشتۇرماقچى

دوكلاتتا «خىتاي 2006 – يىلى تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاتالمىش تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك، ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكتىن ئىبارەت ئۇيغۇرلار ئىچىدە مەۋجۈتلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولدى» دەيدۇ. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتتە يەرلىك ئىماملارنىڭ ھەر ھەپتىلىك جۈمە خۇتبىسىنى شۇ جايدىكى دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈش تەلەپ قىلىنماقتا.

دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان » قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى «نى تىلغا ئالدى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ رايوندا كەڭ كۆلەملىك سوتلاش ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش ۋەقەلىرىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. دوكلاتتا » قاتتىىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى، ئاتالمىش بۆلگۈنچىلىك خائىشىدىكى ئۇيغۇرلارغا تېز، مەخپىي شۇنداقلا قانۇنىي تەرتىپكە ئۇيغۇن بولمىغان ئۇسۇللار ۋە بەزى ئەھۋاللاردا كوللىكتىپ ھۆكۈم ئېلان قىلىش ئۇسۇلى بىلەن زەربە بېرىشكە قارىتىلغان» دەپ كۆرسەتتى.

خىتايدا سىياسى قارىشى باشقىچە بولغان كىشى تېررورىست

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆلۈم جازاسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پامىر ئىگىزلىكىدىكى مەلۇم بىر جايدا 18 ئاتالمىش ئۇيغۇر تېررورچىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە 17 كىشىنى ئەسىر ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان شۇنداقلا بۇ ۋەقە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا زور غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان بىر چاغدا ئېلان قىلىندى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەكىلاتىنىڭ مەسئۇلى كېننىس روس، پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا مەملىكەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ پامىردىكى لاگىرغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى تىلغا ئالدى. روس،»بىز بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى شىنجاڭدا يۈز بەرگەنلىكى ئېلان قىلىنغان تېررورچىلار لاگىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ راست – يالغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولمىساقمۇ، لېكىن بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نەزىرىدە ھەر قانداق مەدەنىيەت ئاپتونومىيىسى ياكى سىياسىي ئاپتونومىيە تەلەپلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرىكەتلەر تېرورىزىم، دەپ قارىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىز شىنجاڭدا زوراۋانلارچە باستۇرۇش ۋەقەلىرىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى تىبەتلىك مۇساپىرلار ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئىدى» دەپ كۆرسەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر، ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ كوسراپ يېزىسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنى ب د ت نىڭ تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلماقتا. لېكىن خىتاينىڭ پەيشەنبە كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىر رابىيە قادىرنىڭ تەكلىپىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغاندا، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، «دۇنيادا ھېچبىر دۆلەت 2 ‏-ئەل قائىدە تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگودا پەيدا بولۇشىنى خالىمايدۇ » شۇنداقلا » خەلقئارا جامائەت شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى بۇ تەشكىلات سادىر قىلغان جىنايەتلەر ۋە پاكىتلار ئاساسىدا تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن» دەپ جاۋاب بەردى.

خىتاي ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەنپەئەتىنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۈستىگە قويدى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يەنە خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسى مەنپەئەتىنى يەر شارى مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغۇچىلارنىڭ ئۈستىگە قويدى، دەپ ئەيىبلىگەن. بولۇپمۇ خىتاينىڭ سۇدان، زىمبابۇۋى، بېرمىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆرمەسكە سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. دوكلاتتا «خىتاي بۇ دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ›سىياسىي شەرت قوشماسلىق‹ توغرىسىدىكى سۆزىنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ » دەيدۇ. ) ئاۋاز( كېننىس روس، » خىتاي سۇدان نېفىتىنىڭ خىتايغا ئېقىشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدا قان ئېقىش بىلەن كارى بولمايۋاتىدۇ. خىتاي خەلقئارا بانكا ھېساب نومۇرى ئېچىپ سۇداننىڭ نېفىت كىرىمىنى مەزكۇر بانكا ھېساب نومۇرىغا ياتقۇزۇشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. گەرچە بۇ پۇل يەنىلا سۇدان خەلقى ئۈچۈن ئىشلىتىلسىمۇ، لېكىن پۇلنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ » دەپ كۆرسەتتى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا يەنە، خىتاي قانۇن سېستىمىسىنىڭ يىتەرسىزلىكى، ئەمگەك ھوقۇقى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارغا زەربە بېرىش، دىنىي ئەركىنلىك، پۇقرالارنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، تىبەت ۋەزىيىتى، ئەيدىز كېسىلى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

خىتايدىكى ئەيدىز كېسىلى ھەققىدە توختالغاندا 2006 – يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ قار لەيلىسى ئەيدىز تەلىم تەربىيە ئىنىستىتۇتىنى پىچەتلىگەنلىكىنى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۈرۈمچىدە جىگەر ياللۇغىغا گىرىپدار بولغان19 نەپەر ئوقۇغۇچىنى يۇرتىغا قايتۇرۇش ۋەقەسىگە ئارىلاشقانلىقى ئۈچۈن پىچەتلەنگەنلىكىنى يازدى.

دوكلاتتا يەنە 2006 – يىلى خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋە خىتايغا تاپشۇرۇش ھەققىدە بېسىم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنىڭ 2006 – يىلى 6 – ئىيۇندا كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى شۇنداقلا شۇ يىلى 5 – ئايدا قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يۈسۈپ قادىر ۋە ئابدۇقادىر سىدىقلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى، پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىسمايىل سەمەتنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى چىمپىيونى رابىيە قادىرنى » تېررورچى» دەپ قارىلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن دوكلاتتا، «ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى ئائىلە تاۋاباتى تەن جازاسىغا ئۇچرىدى ۋە قولغا ئېلىندى» دېيىلگەن. (ئەركىن)