2007.01.10

نىڭشا توڭگان ئاپتونوم رايونىنىڭ تور بەتلىرىدە 1 ‏- ئاينىڭ 10 ‏- كۈنىدىن باشلاپ، ›شەرقىي تۈركستان تېررورچىلىرىنىڭ پامېر تاغلىرىدىكى مەشىق بازىسى‹ دېگەن تېما ئاستىدا، 1990 ‏- يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن ›تېررورچىلىق ۋەقەلىرى‹ گە دائىر ھەرخىل بايانلار ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدا، خىتاينىڭ شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ 1 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى پامېر تاغلىرىدا ›تېررورچىلارنىڭ مەشق لاگىرى‹ نى تار‏ – مار قىلغانلىقى، تېررورچىلارغا ھۇجۇم قىلغاندا ئۆلگەن بىر ساقچىنى ئىنقىلابىي قۇربان ئېلان قىلغانلىقى ۋە ھازىر بۇ دېلونىڭ قانۇن بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىنىشقا باشلىغانلىقى ئالاھىدە ھېكايە قىلىنغان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقى 1 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى پامېر تاغلىرىدا ›تېررورچىلارنىڭ مەشىق لاگىرى‹ تار – مار قىلىنىپ، قارشىلىق كۆرسەتكەن 18 نەپەر تېررورچىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 17سىنىڭ تۇتۇلغانلىقى، 22 دانە قول بومبىسى، 1500 دىن ئارتۇق قول بومبا سەپلىمىلىرى قولغان چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ۋە قالغان تېررورچىلارنىڭ قوغلاپ تۇتۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ›پامىر تاغلىرىدىكى تېررورچىلار بازىسى‹ دېيىلگەن دېلونى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. (ۋەلى)