2007.01.07

خىتاينىڭ ئىنتەرنەت ئۇچۇر تورلىرىدىن بىرى www.sina.com دىكى ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇئاۋىن سېكرېتارى نۇر بەكرى چەتئەللەردىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ رابىيە قادىرنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى» دەپ ئاتىشىغا رەددىيە بېرىپ، «بۇ بىمەنىلىك» دەپ ئاتىغان. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە چەت’ تەل مەنتبۇئاتلىرىنىڭ رابىيە قادىرنى «ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى» دەپ تەرىپلىشىگە نىسبەتەن تۇنجى قېتىم رەسمىي رەۋىشتە ئىنكاس قايتۇرۇشىدۇر.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا نۇر بەكرىگە رەددىيە بېرىپ، رابىيە قادىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى ۋە مەنىۋى ئانىسى ئىكەنلىكى ھەمدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇنىڭدىن ھېچ قاچان يانمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رېشىت بولسا، رابىيە قادىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى سايلىغان ۋەكىلى ئىكەنلىكى، ئەمما نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالاميدىغانلىقىقنى بىلدۈردى.

رابىيە قادىر ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ كوپ قېتىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيۇشتۇرغان ئىسپات بېرىش يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا مەملىكەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، خەلقئارا سەھنىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك تونۇشتۇرغانلىقى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرىنى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، رابىيە قادىرنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى ۋە مىللىي رەھبىرى دەپ ئېتىراپ قىلىشنى قارار قىلغان ئىدى.

رابىيە قادىر نۇر بەكرىنىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن نۇر بەكرىگە ئوخشاش ئادەملەرنىڭ ئانىسى ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ پەقەت ئازادلىققا ئىنتىلىۋاتقان خەلقنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى شەرھلىدى. رابىيە قادىر ئۇنى خىتاينىڭ گۇماشتىسى دەپ ئاتىدى. (ئۈمىدۋار)