2007.01.04

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مەركىلنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى بىلەن، گېرمانىيە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئىجىل مۇناسىۋەت، كۈنسېرى بۇزۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن ئىدى. باش مىنىستىر ئانجىلا مەركىلنىڭ خىتايغا قارىتا گېرمانىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شرودېرگە ئوخشاش دوستانە بولمىغانلىقى، خىتاينى ئالدىنقى بىر يېرىم يىلدا خېلىلا بىئارام قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ناچار ۋەزىيەتنى ئۇزۇن داۋام قىلمايدۇ، دەپ خاتا مۆلچەرلىگەن ئىدى. خىتاينىڭ بۇ مۆلچىرىگە سەۋەپ بولغان ئامىل، ئەلۋەتتە، خىتاي – گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى 60 مىليارد دوللاردىن ھالقىپ كەتكەن ئىقتىسادى كېلىشىم ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈنگە كەلگەندە، ئۆزىنىڭ يېڭىلىشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىنىدىغان بىر ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە.

گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي ھەققىدىكى ماقالىلار كۆپلەپ ئېلان قىلىنماقتا

بۈگۈنكى گېرمانلارنىڭ خىتايغا تۇتقان مۇئامىلىسىدە، ھېچقاچانقىغا ئوخشىمايدىغان سوغۇق بىر كىلىمات ھۆكۈم سۈرمەكتە. بۈگۈن، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت خەۋەرلەرنىڭ سالمىقى بارغانسىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىشنى ئەيىبلەيدىغان ئەسەرلەرنىڭ سالمىقى ھەسسىلەپ ئاشتى. خىتايدىكى تەقلىدچىلىكنى پاش قىلىدىغان ماقالىلار قەدەمدە بىر كۆزگە چېلىقىدىغان بولدى. تېخىمۇ گەۋدىلىك بولغىنى؛ خىتاينىڭ ساختا تاۋارلىرىنىڭ ياۋروپا بازارلىرىدا تۆكمە قىلىنىپ سېتىلىشى ۋەجىدىن، ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ زور زىيانغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى شىكايەتلەرنىڭ سالمىقى ئېشىپ كەتتى.

بولۇپمۇ، گېرمانىيە تاۋارلىرىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن كوپىيە قىلىنىپ، بازارغا سېلىنىشى، ھەتتا Made in Germany دېگەن ماركا بىلەن ياسالغان ساختا مەھسۇلاتلارنىڭ تاموژنىنىڭ كۆزىدىن قېچىپ، گېرمانىيە بازارلىرىغا قەدەر ئېقىپ كىرىشى، گېرمانلارنى غەزەپلەندۈرۈشكە باشلىدى. تېخى بىر قانچە كۇن ئىلگىرى گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان «دۇنيادىكى ھەر ئۈچ ساختا تاۋارنىڭ بىرى خىتاينىڭ» ناملىق خەۋەردە، خىتايلارنىڭ ئايروپىلاندىن تارتىپ، ۋېلىسىپىتكە قەدەر بولغان مەھسۇلاتلارنى كوپىيە قىلىپ، 3 – دۇنيا ئەللىرىگە سېتىۋاتقانلىقى ۋە بۇ سەۋەبلىك گېرمانلارنىڭ زور ئىقتىسادى زەرەر كۆرۈۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ ئۆتكەنىدى.

خىتايلار تېخنىكىلىق سورۇنلاردا بولۇشى قارشى ئېلىنمايدۇ

ئالدىنقى ئايدا گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە خەلقئارالىق ئۆي ئەسلىھەلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. بۇ كۆرگەزمىگە تەرجىمان بولۇپ قاتناشقان مېھرىگۈل ئىسىملىك ئۇيغۇر قىزى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتايلارنىڭ ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۈگۈن گېرمانىيىدە، ھەر قانداق خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئورۇنلاردا ئىشلىشى، يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدە پىراكتىكا قىلىشى، يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشى مەنئى قىلىنماقتا. گېرمانىيىنىڭ ھۆكۈمىتىدىن تارتىپ پۇقرالىرىغا قەدەر، خىتايدىن سەسكىنىش كەيپىياتىنىڭ مەتبۇئاتلاردا بۇ قەدەر ئاشكارە تىلغا ئېلىنىشى كەم كۆرۈلىدىغان ھادىسە ئىدى. بۇ ھادىسە، گەرمانلاردا «سېرىق ئاپەت نەزەرىيىسى» نىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغاندەك بىر بىشرەتنى بەرمەكتە خىتاينىڭ تېخنىكا ئوغرىلىرى ۋە كوپىچىلىقى، گېرمانىيە – خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ ئاساسى سەۋەبى بولسىمۇ، بۇ سەۋەپكە يانداشقان يەنە بىر مۇھىم سەۋەپ؛ ئېنىق سىياسىي تۈس ئالغان ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى بولماقتا.

2006 – يىلى يازدا، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ گېرمانىيىگە زىيارەتكە كەلگەندە، باش مىنىستەر ئانجىلا مەركىل خېلى قاتتىق تەلەپپۇزدا «بىز ئىقتىسادى مەنپەئەتنى دەپ، ئىنسان ھەقلىرىنى چەتكە قايرىپ قويالمايمىز، خىتاي ئۆزىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىگە جىددى مۇئامىلە قىلىشى كېرەك» دېگەن ئىدى ھەمدە، خىتاينىڭ تېخنىكا ئوغرىلىقى، كوپىيچىلىق ئىللەتلىرىنى تۈزىتىشىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

گېرمانىيە ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىدە يېڭىلىقلار بارلىققا كەلمەكتە

2006 – يىلى 20 – ئۆكتەبىر كۈنى، گېرمانىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، خىتاينى ئاشكارە ئەيىبلەش ئىپادىسىنىنى بىلدۈردى. باۋارىيىدىكى يېشىللار پارتىيىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان مارگارىتا خانىم، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇرلارغا دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان خىتاي باش كونسۇلى ياڭنى ئىشپىيونلۇقتا ئەيىبلەپ، سوتقا بېرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. 11 – ئاينىڭ 24 – كۈنى سەھەر، گېرمانىيە گېزىتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي قۇرۇلتىيىغا توسقۇنلۇق قىلغان خىتاي كونسۇلىنى ئەيىبلەپ مەتبۇئاتلاردا خەۋەرلەر ئېلان قىلىۋەتتى. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، 24 – نويابىر كەچ، 2 – نۆۋەتلىك د ئۇ ق غا گېرمانىيە پرېزىدېنتى Horz Kohler، باش مىنىستىرى ئانجىلا مەركىل ۋە گېرمانىيىنىڭ ئىچكى – تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى، ھەر قايسى پارتىيىلەر مەسئۇللىرى تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرۇلتىيىنى قۇتلۇقلىدى.

11 – ئاينىڭ 30 كۈنى، يېشىللار پارتىيىسىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ۋولكەر بەك ئەپەندى، 614 نەپەر پارلامېنت ئەزالىرى ئالدىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىنى ئاشكارە ئوتتۇرىغا كۆتۈرۈپ چىقتى. ئۇندىن ئىلگىرى ۋە كېيىن، گېرمانىيە يۇقۇرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ باردى. بۇ بىر قاتار ھادىسىلەر؛ خىتاي – گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى يوشۇرۇن سۈركىلىشنىڭ رەسمىي ئاشكارىلانغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى بولۇپ قالدى.

سىياسىي ئانالىزچىلار؛ خىتاي ھۆكۈمىتى ئالىي ئاپتونومىيىچى تىبەتلىكلەردىن بەكرەك، مۇستەقىلچى ئۇيغۇرلاردىن قورقاتتى. بۈگۈن ئۇيغۇرلار ياۋروپانىڭ سانائەت تەرەققىيات مەركىزى بولغان گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارە ھىمايىسىگە ئېرىشتى. دىمەك، ئەتە پۈتۈن ياۋروپانىڭ ئاشكارە ھىمايىسىگە ئېرىشىدۇ. گېرمانىيە – خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى پۇل ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇناسىۋەتنىڭ ئۆمرى ئۇزۇنغا بارمايدۇ، دەپ قارىماقتا. د ئۇ ق بولسا، بىز ئۇيغۇر دەۋاسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش باسقۇچىنى بېسىپ بولدۇق. ئەمدى مىللىي ئىرادىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش باسقۇچىنى باسىمىز، دېمەكتە. (ئەكرەم)