2006.12.21
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىبى ئالىم سېيىتنى 19- دېكابىر كۈنى ئامېرىكا ئاۋازى سىمسىز تېلېۋىزىيسىنىڭ «مەسىلىلەر ۋە كۆز قاراشلار» پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئۇيغۇرلار، شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدىكى سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
پروگرامما ئامېرىكا ئاۋازى تېلېۋىزىيىسىدە جانلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزگىلدە نۇرغۇن كىشىلەر خىتاي ئۆلكىلىرىدىن تېلېفون ئارقىلىق پروگراممىغا قاتنىشىپ، ئالىمدىن ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سۇئاللار سورىغان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان كۆز قارىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدىكى پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئىزھار قىلغان.
پروگراممىغا تېلېفون ئارقىلىق فۇجيەندىن قاتناشقان بىر خىتاي، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: شىنجاڭنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى، تارىخى بار. مىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا شىنجاڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندى».
ئۇ ، ئۇيغۇرلار خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇچراۋاتقان ناچار مۇئامىلە ئۈستىدە توختىلىپ «مەن شىنجاڭلىقلارنىڭ فۇجيەنگە كەلگەنلىرىنى كۆرگەن. ئۇلار قوغۇن، ئۈزۈم قاتارلىق نەرسىلەرنى ساتىدۇ. ساقچىلار ئۇلارنى تۇتۇپ ئېلىپ كېرىپ ئۇرىدۇ. ئۇلارنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەيدۇ»، دېگەن.
شەندۇڭدىن تېلېفون ئارقىلىق پروگراممىغا قاتناشقان كۇڭ فامىلىلىك بىر خىتاي، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇيغۇرلانىڭلا ئەمەس، خىتايلارنىڭمۇ كىشىلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. (قانات)