2006.12.18
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاخبارات باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نۇرمەمەت ھەسەن ئىسىملىك بىر ياش، بۆلگۈنچى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى دىگەن جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنىپ، قاتتىق قېيىن قىستاققا ئۇچرىغان.
مەزكۈر ۋەقە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتقا بىۋاستە غۇلجا شەھىرىدىن ئىنكاس قىلىنغان بولۇپ، نۇرمەمەت ھەسەن، 12 - دېكابىر كۈنى كەچ سائەت 9 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ غۇلجىغا چۈشكەن ئايروپىلان ئارقىلىق 5 نەپەر قوراللىق ساقچىنىڭ قورشاۋى ئاستىدا، بېشى قارا لاتا بىلەن ئورالغان ھالدا غۇلجا شەھىرىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ كېتىلگەن.
دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، نۇرمەمەت ھەسەن ئەسلىدە 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى قىزىلسۇ ئوبلاستىدا تۇتۇلغان، خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى غۇلجا شەھىرى جەنۇبىي ئازادلىق كوچىسىدىكى » قېرىنداشلار كۇلۇبى «دا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلغان ۋە ئۇنى قەشقەردىكى شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىك تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى دەپ گۇمان قىلىپ قولغا ئالغان.
غۇلجا شەھىرىدىكى ۋەقەدىن تولۇق خەۋەردار كىشى، دىلشات رىشىتقا نۆۋەتتە ساقچىلارنىڭ نۇرمەمەت ھەسەننى جىنايىتىنى ئىقرار قىلدۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق قېيىن – قىستاققا ئېلىپ، ۋەھشى قىيناش ئۇسۇللىرى بىلەن قىيناۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ، قىيناش نەتىجىسىدە نۇرمەمەت ھەسەننىڭ مىيىپ بولۇپ قالغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان.
دىلشات رىشىتنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى پات ئارىدا نۇرمەمەت ھەسەن ئۈستىدىن سوت ھۆكۈمى چىقىرىدىكەن. (قانات)