2006.12.18
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توي قىلىش يېشىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئاپىرىپ ئىشلىتىش پىلانىدا ئىشلەمچىلەرنىڭ بوي تۇرقى ۋە چىرايىغا ئالاھىدە ئېتىۋار بېرىلگەن بولۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە توي قىلمىغان بولۇش، چىرايلىق ۋە بوي – تۇرقى قاملاشقان بولۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلماقتا.
ھۆكۈمەت ۋە پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى
ئاخىرقى قېتىم بۇ يىل 11 – ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسى غولتوغراق يېزىسىدىن خىتاينىڭ تيەنجىن ۋە بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئىشلەشكە يوللانغان ئۇيغۇر قىزلىرى يۇقىرىقى شەرتلەرگە ئاساسەن تاللانغان بولۇپ، بۇ پىلان پەيزىۋات ناھىيىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ ئىچكىرىگە ئىشلەشكە ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىغا نىمە ئۈچۈن توي قىلمىغان، چىرايلىق قىزلار بولۇش شەرتى قويۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇش رايوننىڭ يەرلىك ئەمگەك بازىرىنى ئېچىش شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ كىرىم مەنبەئەسىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم قاناللارنىڭ بىرى، دەپ ئەسكەرتىمەكتە.
بۇ قېتىم غولتوئاغراق يېزىسىدىن ئىچكىرىگە يولغا سېلىنغان قىزلارنىڭ ھەقىقى سانىنى ئىگىلەش مۈمكىنچىلىمىز بولمىدى. شۇ جايدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر ئاز دېگەندە يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر قىزنى 3 تۈركۈمگە بۆلۈپ تيەنجىن ۋە بېيجىڭدىكى كىيىم – كېچەك زاۋۇتلىرىدا ئىشلەشكە يولغا سالغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن بەزى مەنبەئەلەر غولتوغراقنىڭ ئۆزىدىنلا 2 مىڭ قىزنىڭ ئىچكىرىگە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بىر ھەدىسى تيەنجىنگە ئىشلەشكە ئېلىپ كېتىلگەن غولتوغراقتىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خانىم قىز، غولتوغراقتىكى ئۇيغۇر قىزلارنى ئىچكىرىدە ئىشلىتىش پىلانى پەيزىۋات ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، ئىشچىلارنىڭ تۇرالغۇ ۋە تامىقىنى زاۋۇت تەرەپ كۆتۈرگەن ئەھۋالدا ھەدىسىنىڭ ئايدا 450 يۈەنگە ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئادەمنى ئويغا سالىدىغان ئورۇنلاشتۇرۇش
غولتاغراقتىكى ئۇيغۇر قىزلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلىتىش پىلانى رايوندا نامراتلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش نامى ئاستىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ سىياسەتنىڭ بىرىنچى قېتىم ئىجرا قىلىنىشى ئەمەس. بۇنىڭدىن بۇرۇن پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ مىشا يېزىسىدا 400 نەپەر ئۇيغۇر قىز خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئىشلەشكە ئەۋەتىلگەن بولۇپ، بۇ سىياسەت ئاساسەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى نامرات ناھىيىلەردە يولغا قويۇلماقتا. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قايسى ناھىيىلەردە ھازىرغا قەدەر زادى قانچىلىك قىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يولغا سېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىپ باقمىدى.
خىتاي دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئەمگەك بازىرى. ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللەش ۋە ئۇلارنى ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياج رايونلارغا يۆتكەش خىتايدا ئومۇميۈزلۈك ھادىسە بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرنىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىگە قىز بالا بولۇش، چىراي – تۇرقى قاملاشقان بولۇش شەرتى قويغانلىقى ۋە ئۇلارنى مەجبۇرى تەشكىللىگەنلىكى كىشىلەرنى گۇمانغا قالماقتا.
قىزىنى ئەۋەتىشنى خالىمىغانلار تەھدىتكە ئۇچرىغان
يەرلىك پۇقرالار قىزى بار ئاتا – ئانىلارنىڭ قىزىنى قوشۇپ بېرىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. غولتوغراقتىكى ۋەقەسىدىن خەۋەردار ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بەزى ئاتا-ئانىلار قىزىنىڭ ئىچكىرىگە بېرىپ ئىشلىشىگە قوشۇلغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئاتا – ئانىلار قىزلىرىنى مەجبۇرى قوشۇپ بەرگەن. ئۇ، يەنە بەزى بىر ئاتا – ئانىلارنىڭ ناھايىتى تېزلىكتە «قىزىنىڭ باشقىلار بىلەن نىكاھسىنى قىلىپ قويۇپ قۇتۇلغانلىقىنى» بىلدۈردى.
غولتوغراقتىكى قىزلارنى ئىچكىرىگە يۆتكەش پىلانى پەيزىۋات ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەر قايسى يېزا ۋە كەنتلەرگە سان چۈشۈرۈپ بەرگەن. بەزىلەر ۋەقەگە ساقچىلارنىڭ ئارلاشقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن يۇقىرىقى خانىم، كەنت ۋە ئەترەت باشلىقلىرىنىڭ بۇ ساننى تولدۇرۇش ئۈچۈن دېھقانلارنى مەجبۇرلىغانلىقىنى، ۋەقەگە ساقچىلار ئارلاشمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەترەت باشلىقلىرى دېھقانلارغا ئەگەر قىزى بارلار قىزىنى ئەۋەتمىسە، تېرىلغۇ يېرىنى تارتىۋالىمىز، دەپ تەھدىت سالغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز غولتوغراق يېزىلىق ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلىپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ئىگىللىشلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن يېزىلىق ھۆكۈمەتتە تېلېفونىمىزنى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر قىسىم يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىچكىرىدە ئىشلەشكە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ يەرلىك دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قىزلارنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى، چىراي ۋە بوي – تۇرقى قاملاشقان بولۇش تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى: بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ غورۇرىغا قىلىنغان ھۇجۇم
ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىگە ئەۋەتىش مەسىلىسىگە غولتوغراقتىكى پۇقرالارنىڭ تونۇشى بىردەك ئەمەس. بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار قىزلىرىنىڭ نىكاھسىنى قىلىۋېتىشكە رازىكى ئىچكىرىگە ئەۋەتىشكە قوشۇلمىسىمۇ، لېكىن بەزى «لىبېرال» قاراشتىكى پۇقرالار بۇنىڭغا «ئىجابىي» كۆزدە قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە. يۇقىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان غولتوغراقتىكى ھېلىقى قىز، بۇ يېزىدىكى ئۇلارغا ئوخشاش ئوقۇغانلارنىڭ «بارمايمىز» دەيدىغانغا باھانە ئىزدىمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. بىز ئۇنىڭدىن بۇ ئىشتا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بارمايمىز دېگۈچىلەرگە بېسىم ئىشلەتكەن ياكى ئىشلەتمىگەنلىكىنى سورىغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇ، بۇنى ئېتىراپمۇ قىلمىدى، ئىنكارمۇ قىلمىدى. ئۇ، پەقەت دەسلەپتە بۇ ئىشتىن گۇمانلانغانلىقىنى، لېكىن بۇ ئىشقا ھۆكۈمەت ئارلاشقاندىن كېيىن «بەك قورقۇنچلۇق خىياللارنى قىلمىغانلىقىنى» بىلدۈردى.
خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم نېفىت – تەبئىي گاز بازىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ نامرات ناھىيىلەرگە جايلاشقان بولۇپ، خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، ئۇيغۇرلارنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇ رايوندىكى نېفىت – تەبئىي گاز ئەسلىھەلىرىدە ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرىدە ئىشلەشكە مەجبۇرى ئېلىپ مېڭىش «ھازىرقى دەۋردە قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان ئەھۋال ئەمەس، » دەپ ئەيىپلىمەكتە.
مەركىزى ۋاشىنگتونتىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇنى «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ غورۇرىغا قىلىنغان ھۇجۇم، » دەيدۇ. (ئەركىن)