2006.12.14
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم، كانادادىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 14 - دېكابىر كۈنى كەچتە ۋاشىنگتونغا قايتىپ كەلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەمەت توختى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىم كانادا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى، مونتېرىيال شەھىرىدە كانادادىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان. رابىيە قادىر خانىم يەنە شۇ كۈنى، كانادا دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسى SBC نىڭ فرانسوزچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئوخشاشلا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەت ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق، مائارىپ ۋە پىلانلىق تۇغۇت ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.
رابىيە قادىر خانىم شۇ كۈنى كەچتە مونتېرىيالدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ھازىرلىغان زىياپىتىگە قاتناشقان. زىياپەت جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىپ»: بىز بىر قانچە يىللار ئىلگىرى، سىزنىڭ سۆرەتلىرىڭىزنى كۆتۈرۈپ، سىز ئۈچۈن نامايىشلار ئېلىپ بارغان ئىدۇق، مانا ئەمدى سىز خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، زۇلمەت ئاستىدا ياشاۋاتقان خەلقىڭىزنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىسىز، بىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز، سىزنىڭ ھەققانىيەت يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىڭىز چوقۇم غەلىبە قازىنىدۇ»دېيىشكەن. (ئەقىدە)