2006.12.13
ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ كانادادىن خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم كانادانى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، 12 - دېكابىر كۈنى (سەيشەنبە كۈنى) كانادا پارلامېنتى ئاچقان ئىسپاتلىق بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان.
رابىيە خانىم يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ 1949 - يىلىدىن بۇرۇنقى ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا خىتاي كۆچمەنلىرى ئېقىپ كېلىپ، ئۆزلىرى ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ قالغانلىقى، خىتاينىڭ تۇغۇت سىياسىتى، مائارىپ سىياسىتى، دىنى سىياستى ئاستىدا كەمسىتىشكە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋاللارنى سېلىشتۇرۇپ تونۇشتۇرغان.
شۇ كۈنى رابىيە خانىم كانادا پارلامېنت زالىدا باش مىنىستىرى سىتىپان خارپېر بىلەن كۆرۈشكەن. رابىيە خانىمنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئېيتىپ بېرىشىچە، كانادا باش مىنىستىرى سىتىپان خارپېر ئەپەندى رابىيە خانىمغا «ھۈسەنجان جېلىل كانادا پۇقراسى، ئۇنى قوغداش كانادا باش مىنىستىرىنىڭ ۋەزىپىسى، خۇ جىنتاۋ چوقۇم ھۈسەنجان جېلىلىنى قويۇپ بېرىشى كېرەك» دېگەن. (ۋەلى)