2006.12.11

12-ئاينىڭ 10-كۈنى دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى ئەنقەرەنىڭ مەركىزىدىكى ساكاريا كوچىسىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر كۆرگەزمە ئاچتى ۋە مۇخبىرلارغا مەتبۇئات باياننامىسى بەردى.
بۇ پائالىيەتكە تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، سىياسى پارتىيە مەسئۇللىرى، ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەسىملەردە ئۇيغۇرالارنىڭ يېقىنقى زامان قىسقىچە تارىخى ۋە يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېسىم سىياسىتى، تۈرمىلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەن جازالىرىنى كۆرسىتىلگەن رەسىملەر كۆرسىتىلگەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قاتتىق دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى مەتبۇئات باياننامىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«ياشاش ئەڭ ئەقەللى ئىنسان ھەققى ئەمەسمۇ؟ ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا ياشاش قېيىن. بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ئىمكانسىز. كىم بۇ ۋەتەن مېنىڭ دەپ ئىگە چىقسا، مەن مۇسۇلمان دېسە، ئۇيغۇرمەن دېسە، مېنىڭ ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستان دېسە گۇناھكار ئېلان قىلىنماقتا. خىتاي ئۆزى دۆلەت تېررورى يۈرگۈزۈۋاتقان تۇرۇقلۇق، ئۇيغۇلارنى تېررورىست دەپ ئېلان قىلماقتا. بۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستاندا مىڭلارچە ئىنسان گۇناھسىز تۈرمىلەردە ياتماقتا. ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنماقتا. بالىلار تېخى تۇغۇلماي تۇرۇپلا ياشاش ھەققىدىن مەھرۇم قىلىنماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا كۆز ياشلىرى داۋاملىق ئاقماقتا. دۇنيادا ئەگەر ئىنسان ھەقلىرى بولسا ئۇيغۇرلارغا بۇ ھەقنىڭ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز».
مەتبۇئات باياننامىسى ئوقۇلۇۋاتقاندا نامايىشچىلار «بالىلار ئۆلمىسۇن»، ئىشغالچى خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال»، «ئانىلار ۋە بالىلار ئۆلمىسۇن»، «ھۆكۈمەت ئۇخلىما، قېرىنداشلىرىڭغا ئىگە چىق»، دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنى توۋلاشتى.
بۇ پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم نامايىشقا قاتناشقان كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى.