2006.12.11

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم كانادادىكى زىيارىتى داۋامىدا ئوتتاۋادا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلار مەسىلىلىرىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. كاناداغا ئەۋەتىلگەن ئۆز مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ مەلۇمات بېرىشىگە قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاماققا ئېلىنغان كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىل مەسىلىسىمۇ بۇ كۆرۈشۈشلەرنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.