2006.12.11

12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋتى بىلەن شۋېتسىيىنىڭ ستوكگولم شەھرىدە داغدۇغىلىق نامايىش ئۇيۇشتۇرۇلدى. نامايىشنى ئەسلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېڭدىن سايلانغان رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان بولسىمۇ، نامايىش شۋېتسىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان باشقا خىتايغا قارشى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلەشمە نامايىش قىلىشىغا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، نامايىشچىلار قوشۇنى تېخىمۇ زورىيىپ، چوڭ كۆلەملىك نامايىشقا ئايلاندى، نامايىشچىلار يول بويى ھەر خىل شوئارلارنى ۋارقىرىشىپ ماڭدى.

نامايىشنى تەشكىللىگۈچى بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈنكى بۇ نامايىشقا شۋېتسىيىدە پائائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن سىرت، خىتاي دېموكراتچىلىرى، فالۇنگوڭ تەرەپدارلىرى، بىر تۈركۈم شۋېدلاردىن تەشكىللەنگەن خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى، كانادا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىنىڭ خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرىنى سېتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش بۆلىمى، شۋېتسىيە موڭغۇل كومىتېتى، تىبەت كومىتېتى، خىتاي قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قىسىم يەرلىك كىشىلەر قاتناشتى.

نامايىشچىلار ستوكگولم شەھىرىدىكى داڭلىق مەيدان بولغان گىراژدانلار مەيدانىدىن باشلاپ شەھەر مەركىزىدىكى ئادەملەر ئەڭ كوپ توپلىشىدان كوچىلارنى ئايلىنىپ نامايىش قىلدى. نامايىش داۋامىدا ھەر خىل شۇئارلار ئۈزۈلمەي ياڭراپ تۇردى.

بۇ قېتىمقى نامايىشتىن خەۋەر تاپقان شۋېتسىيىدىكى ھەر خىل ئاخبارات ئورۇنلىرى نەق مەيدانغا يىتىپ كىلىپ نامايىش ئەھۋاللىرى سۈرەتكە ۋە ئاۋازغا ئالدى. يېڭى تاڭلىقلار تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئۈمىد يۇلتۇزى رادىئوسى، شۋېتسىيە دۆلەتلىك رادىئوسى، شۋېتسىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ 3 ، 4 ۋە 8 – قاناللىرى شۋېتسىيە سىملىق تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرلىرى نامايىشچىلار بىلەن تەڭ قەدەمدە بولدى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى نەق مەيداندا يېڭى تاڭلىقلار تېلېۋىزىيىسىنىڭ، ئۈمىد يۇلتۇزى رادىئوسىنىڭ ۋە شۋېتسىيە رۇدىسىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ناميىشىنىڭ ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.