2006.12.08

كانادا پارلامېنتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، خەلقئارالىق سودا تارماقلىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسلىھەتچىسى سىدىق ھاجى روزىلار بۈگۈن كاناداغا كەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەھەممەت توختى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىم 8 ‏- دېكابىردىن 13 ‏- دېكابىر كۈنىگىچە كانادانى زىيارەت قىلىدۇ. بۈگۈندىن باشلاپ 10 ‏- دېكابىر كۈنىگىچە تورونتو شەھىرىدىكى مەتبۇئات ئورۇنلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ. بۇ جەرياندا خىتاينىڭ تورونتودىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلار ئۆتكۈزىدىغان نامايىشقا قاتنىشىدۇ. 11 – 12 – دېكابىر كۈنلىرى، ئوتتاۋا شەھىرىدە كانادا پارلامېنتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىلىرى بويىچە تۇنجى قېتىم چاقىرغان ئىسپات بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. رابىيە خانىم كانادا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە، مانترىيول شەھىرىدىكى ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە دېگەن تەشكىلاتنىڭ خادىملىرى بىلەن كۆرىشىدۇ. (ۋەلى)