2006.12.07

rabiye-rafto200.jpg
نويابىرنىڭ بېشىدا رابىيە قادىر خانىم رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نورۋېگىيىگە بارغاندا رافتو فوندىنىڭ يىغىنىدا. RFA/ئابدۇسەمەت

ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى، ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرى ۋە 11-ئاينىڭ باشلىرىدا نورۋېگىيىنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا گېزىت مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2008-يىللىق خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۇش ھوقۇقىنىڭ خىتايدەك كىشلىك ھوقۇقنى ئەڭ دەپسەندە قىلىۋاتقان بىر مۇستەبىت دۆلەتكە بېرىلىشىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، نورۋېگىيە تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ 2008-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشماسلىقىنى، بۇ ئارقىلىق خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى قىلمىشلىرىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.

ئەينى چاغدا بۇ تەشەببۇس نورۋېگىيىدىكى ھەرقايسى كىشلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، سىئايسەتچىلەر، تەنھەرىكەت خادىملىرى ۋە ھەر ساھە كىشىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلىپ، ئاخبارات ساھەسىدىمۇ بۇ ھەقتىكى ھەرخىل كۆز قاراش ۋە پىكىرلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆپلىگەن ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. نۆۋەتتە نورۋېگىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى بۇ خىل بەس-مۇنازىرە يەنىلا قىزغىن داۋام قىلماقتا.

رابىيە قادىر قىيىن-قىستاقلارغا دۇچار بولىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋەكىلى

نورۋېگىيىدىكى ئەڭ چوڭ يەرلىك گېزىتلەردىن بىرى بولغان «بېرگىن ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 1-دەكابىر سانىدا «نورۋېگىيە تەنھەرىكەتچىلىرى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش كېرەك» قىلىندى. ماقالە ئاپتورى، «خرىستىئان خەلق پارتىيىسى» Hordaland ۋىلايەتلىك ياشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى Tor Øyvind Westbye بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان:

«2-نويابىر نورۋېگىيىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان رافتو كىشلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى رابىيە قادىر جۇڭگودا كەم-كۆلەمدە سادىر بولىۋاتقان كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلمىشلىرى سەۋەبلىك نورۋېگىيىنىڭ 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن چېكىنىپ چىقىشى تەلەپ قىلغان ئىدى. رابىيە قادىر ئۆزى ئەشۇ كوممۇنىست دۆلەتتىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە جۇڭگو نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ زوراۋان دۆلەت ئىكەن. ئۇ بىزنىڭ مۇشۇنداق بىر مۇستەبىت دۆلەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۇشىگە ماقۇل بولۇشىمىزدىن تولىمۇ ھەيرانلىق ھىس قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغانتى. دەرۋەقە جۇڭگودا بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە دىنىي گۇرۇپپىلار نازارەت ۋە بېسىم ئاستىدا تۇرماقتا. رابىيە قادىر بولسا جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىرقىي تازلاش، مەقسەتلىك قولغا ئېلىنىش ۋە تۈرلۇك قىيىن-قىستاقلارغا دۇچار بولىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋەكىلى».

«تەنھەرىكەتچىلەر ئۆز ۋىجدانى بىلەن ئويلاپ كۆرۈشى كېرەك»

ئەگەر نورۋېگىيە تەنھەرىكەتچىلەر ئۇيۇشمىسى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا قوشۇلمىسا، ئۇ ھالدا ھەر بىر تەنھەرىكەتچى 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشنىڭ كىشلىك ھوقۇقنى قوپال رەۋىشتە دەپسەندە قىلىۋاتقان جۇڭگودەك بىر مۇستەبىت كوممۇنىست دۆلەتنى قوللاشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئۆز ۋىجدانى بىلەن ئويلاپ كۆرۈشى كېرەك.

ماقالىنىڭ داۋامىدا، نورۋېگىيە تەنھەرىكەت ساھەسىدىكى بىر قىسىم مەسئۇل ئەرباپلارنىڭ «گەرچە بايقۇت قىلىش تەشەببۇسىنىڭ سەۋەبلىرىنى ياخشى چۈشەنسەكمۇ، بايقۇت قىلىشنى بىردىن-بىر توغرا يول دەپ قارىغىلى بولمايدۇ» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىدى پىكرىنى مۇنداق ئىپادە قىلغان:

«تەنتەربىيە جەمئىيەتنىڭ بىر قىسمى، شۇنداق ئىكەن ئۇمۇ جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى كېرەك، تەنھەرىكەتچىلەر بولسا ھەم ئىجتىمائىي پۇقرا، ئۇلارنىڭمۇ قايسى دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلگەن، قايسى خىل تەنھەرىكەت پائالىيىتىگە قاتناشسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئوز ئالدىغا قارار قىلىش ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيتى بار. ئەگەر نورۋېگىيە تەنھەرىكەتچىلەر ئۇيۇشمىسى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا قوشۇلمىسا، ئۇ ھالدا ھەر بىر تەنھەرىكەتچى 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشنىڭ كىشلىك ھوقۇقنى قوپال رەۋىشتە دەپسەندە قىلىۋاتقان جۇڭگودەك بىر مۇستەبىت كوممۇنىست دۆلەتنى قوللاشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئۆز ۋىجدانى بىلەن ئويلاپ كۆرۈشى كېرەك».

ماقالە تۆۋەندىكى جۈملىلەر بىلەن ئاخىرلاشقان: «نورۋېگىيىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىشى، جۇڭگو ھاكىمىيىتىنى ۋاسىتىلىك رەۋىشتە قولاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو بولسا بىر قىزىل دىكتاتور، شۇڭا نورۋېگىيە تەنھەرىكەتچىلىرى چوقۇم 2008-يىللىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشى كېرەك!»

«نورۋېگىيە ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشى كېرەك»

بۇندىن باشقا نورۋېگىيىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان، «كەچلىك گېزىت» نىڭ 26-نويابىر سانىدا نورۋېگىيىلىك يازغۇچى Espen Stueland نىڭ «نورۋېگىيە ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشى كېرەك» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ماقالىسى بېسىلدى. ماقالا مۇنداق سۆزلەر بىلەن باشلانغان:

«نورۋېگىيە چوقۇم 2008-يىللىق بەي جىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشنى بايقۇت قىلىشى كېرەك. بۇنداق قىلىش بىر تەرەپتىن جۇڭگو ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان نازارەت ئاستىغا ئېلىش، بېسىم، قىيىن-قىستاق ۋە ئۆلۇم جازالىرىغا قارشى تۇرغانلىق، يەنە بىر تەرەپتىن مۇشۇ خىل زوراۋانلىقنىڭ قۇربانلىرىغا بولغان ھېسداشلىقىمىزنى ئىپادىلەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىمكانىيەتلىرىئىدن بىرىدۇر».

ماقالە «تەنتەربىيە ۋە سىياسى» دېگەن كىچىك تېما ئاستىدا داۋام قىلىپ، ئالدى بىلەن ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش تەشەببۇسىنىڭ رابىيە قادىر خانىم تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، «رابىيە قادىرنىڭ بۇ تەشەببۇسىغا چوقۇم قۇلاق سېلىش ۋە ئۇنى قوللاش كېرەك» دېيىلگەن. ئاندىن ئاپتور تەنتەربىيە بىلەن سىياسىنىڭ ئوزئارا باغلىنىشىنى مۇنداق ئىزاھلىغان:

«بەزىلەر تەنتەربىيە سىياسىدىن، ئىجتىمائىيەتتىن ئايرىلغان ئايرىم بىر ساھە بولىشى كېرەك دەپمۇ قارايدۇ، لېكىن مېنىڭچە تەنتەربىيە بىلەن سىياسى ئوزئارا بىر-بىرىگە باغلىنىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ خىل باغلىنىش ۋە ئوزئارا ئارىلىشىش بۇرۇندىنلا مەۋجۇت. مېنىڭ رابىيە قادىرنىڭ تەشەببۇسىغا قوشۇمچە قىلىدىغىنىم، بايقۇت قىلىش يالغۇز تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ۋىجدانى ئىشى دەپ قارالماستىن بەلكى، بۇ بىر رەسمىي پرىنسىپلىق ئاممىۋى مەسىلە ۋە بىر دۆلەتنىڭ مەسىلىسى دەپ قارىلىشى ھەم شۇ بويىچە مۇئامىلە قىلىنىشى لازىم».

ماقالىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن كىشلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ھەققىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە كۆپلىگەن ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، جەمئىيەتتە ھازىر ئۇ ۋەدىلىرىگە قىلچە ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقىنى، ھەممە نەرسىنى سىياسى نازارەت ئاستىغا ئېلىش، قىيىن-قىستاق ۋە سىياسى مەھبۇسلارغا ئۆلۇم جازاسى بېرىش، ھەتتا ئۆلۈمگە ھوكۇم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ تاۋار ئورنىدا سېتىلىپ، بەزى دوختۇرخانىلارنىڭ قوشۇمچە كىرىم مەنبەسى قىلىنغانلىقىدەك قىلمىشلارنىڭ يەنە داۋاملىق سادىر بولۇۋاتقانلىقى كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەمىنلىگەن پاكىتلار ئاساسىدا بىرمۇ بىر پاش قىلىنغان. (ئابدۇسەمەت)