2006.12.05

ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى مىللى ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا قارايدىغان بولساق، كېيىنكى 15 يىلدىن بەرى ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ ياۋروپاغا ۋە ئامېرىكىغا مەركەزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. دېموكراتىيىنىڭ بۆشۈكى دەپ ئاتالغان ياۋروپانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە تەشكىلاتلانغان ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر دەۋاسىنى ياۋروپا خەلقىغە ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى بىردىن بىر ئالىي ئورگىنى دەپ ئاتالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ گېرمانىيىدە ئەنگە ئېلىنغان قانۇنى تەشكىلات بولۇپ، بۇ قۇرۇلتاي يېقىندا 2 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى ئۆتكۈزدى. بۇ قۇرۇلتايغا رەئىس بولۇپ سايلانغان رابىيە قادىر خانىم، ئۆتكەن ھەپتە گېرمانىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ناھايىتى مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى. ئۇنداقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپا قىتئەسىگە كېلىشى قانداق باشلىغان؟ ياۋروپادىكى تۇنجى ئۇيغۇر تەشكىلاتى قانداق قۇرۇلغان؟

ياۋروپا شەرقىي تۇركىستان بىرلىكىنىڭ سابىق باشلىقى ئەنۋەر جان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.