2006.12.04

خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجىرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يۈسۈپجان ياسىن ئىسىملىك تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئەركىن رەخمىتۇللا ئىسىملىك ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنى » پانتۈركىزىملىق خاتا قاراشلار» نى تارقاتقان، ئوقۇغۇچىلارغا دىنىي تەشۋىقات ئېلىپ بارغان ۋە «قوش تىللىق مائارىپ» قا قارشى تۇرغان، دېگەن سەۋەبلەر بىلەن خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىدى.

مەركىزى گېرمانىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يۈسۈپجان ياسىن 2004 – يىلى » تۇرپان » ژورنىلىدا » مۇ مەدىنىيىتى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەر» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئاپتونوم رايونى پارتكومى تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇنىڭ ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تەجىرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن يۈسۈپجان ياسىننىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى پارچىلايدىغان سۆز ‏- ھەرىكەتلىرىنى پاش قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاپتورنىڭ «مۇ مەدىبنىيىتى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەر » دېگەن ماقالىسىنى «سىياسەت، مىللەت، تارىخ ۋە مەدەنىيەت ھەققىدە پانتۈركىزىملىق خاتا كۆز قاراشلارنى تارقىتىپ، جەمىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغان «دەپ ئەيىبلىگەن. ئەركىن رەخمىتۇللا بولسا » قوش تىللىق مائارىپ» قا قارشى تۇرغان ۋە ئوقۇغۇچىلارغا دىنىي تەشۋىقات ئېلىپ بارغان، دەپ ئەيىبلەندى. ئۇ، بۇ يىل 4 – ئايدا مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىدا ئوقۇغۇچىلارغا» تامىقىڭلارنى بىسمىللا دەپ يەڭلەر » دېگەنلىكى ئۈچۈن بىر تەرەپ قىلىنىدىغان ئوقۇتغۇچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم بۇ يىل 8 – ئايدا تارقاتقان ھۆججىتىدە بۇ 2 ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنى مائارىپ سېپىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغان. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى ئۆز كۆز قارىشىنى تىنچ ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلىگەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا، دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ. (ئەركىن)