ئامېرىكىدىكى «زامانىمىز» ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى جاھانگىر پوچا جۈمە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە سۆھبەت خاتىرىسى ئېلان قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنى «ئۇيغۇرلارنىڭ دالاي لاماسى» دەپ ئاتىدى.
رابىيە قادىر «زامانىمىز» ژورنىلىدىكى سۆھبەتتە جاھانگىر پوچىنىڭ «شىنجاڭ مەسىلىسى نېمە ئۈچۈن تىبەتكە ئوخشاش تونۇلالمىدى» دېگەن سۇئالىغا «چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لاماغا ئوخشاش شەخس بولغاچقا بىزگە قارىغاندا تىبەتكە تېخىمۇ ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.
رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1949 – يىلى شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەندە بەرگەن پۈتۈن ۋەدىلىرىدىن يېنىۋېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى رەت قىلماقتا. رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ بۇرۇن خىتاي ھاكىمىيەت سېستىمىسى ئىچىدە تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىنى ياخشىلىماقچى بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ 1997 – يىلدىكى غۇلجا ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي رەھبەرلىرىگە يەتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ پىسەنت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رابىيە قادىرنىڭ جاھانگىر پوچاغا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى رايوننىڭ نېفىت بايلىقىدىن بەھرىمان قىلمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى خىتاي نېفىت شىركەتلىرىدە خىزمەت قىلىشىغا يول قويمايۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئۆرپ – ئادەت جەھەتتە خىتايلاردىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە بۇ پەرقلەر تەكىتلەنسە، ئۇلارنىڭ ئاچچىغى كېلىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)