2006.11.30

خىتايدىكى مۇسۇلمان ھاجى كاندىداتلىرى، 29 ‏- نويابىر كۈنى لەنجۇدىن ئۇچۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.

مەركىزى ئاگېنتلىقنىڭ 30 ‏- نويابىر كۈنى بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل خىتايدا 9 مىڭ 600 نەچچە مۇسۇلمان، ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان گۇرۇپپىلار بۇيىچە ھەج پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىكەن، شۇنىڭدەك بۇ ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان ھەج پائالىيىتى ئىچىدە، ھەج قىلغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان يىل ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھەج قىلغۇچىلار ئاساسەن، ئۇيغۇر ئېلى، چىڭخەي، گەنسۇ، نىڭشا، يۈننەن، شەنشى، ئىچكى موڭغۇل، خېنەن قاتارلىق 8 ئۆلكىدىن بولۇپ، ھەج كاندىداتلىرىنى توشۇيدىغان مەخسۇس ئايرۇپىلان ئۈرۈمچى، بېيجىڭ ۋە كۈنمىڭدىن ئۇچىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى ھەج قىلغۇچىلار سانىنى ئالاھىدە كونترول قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن سان ئىنتايىن ئاز ئىدى، شۇڭا بۇ يىل ئۆز ئالدىغا ھەج قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئۇيغۇرلار، پاكىستان ، دۇبەي، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپلىگەن قېيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە پاكىستانغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى بۇ يىل ئېلىپ بارىدىغان ئۆمۈر ھەج پائالىيىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارماقتا. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئۆز ئالدىغا ھەج قىلغۇچىلارنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قايتىپ بارغاندىن كېيىن قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەقىدە)