2006.11.28
گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسى باۋارىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مارگارىتا خانىم خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى ياڭ پەمىلىلىك باش كونسۇلىنى جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ۋەقە ياڭ فامىلىلىك خىتاي باش كونسۇلنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مارگارىتاغا ئەۋەتكەن يىغىن تەكلىپنامىسىنى قانۇنسىز يوللار بىلەن قولغا چۈشۈرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يېشىللار پارتىيىسى باۋارىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى خىتاينىڭ گېرمانىيىدە جاسۇسلۇق قىلىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە 27 – نويابىر كۈنى ئاخىرلاشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2 – نۆۋەتلىك يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، خىتاي كونسۇلى ياڭ مارگارىتانىڭ ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغانلىقى ۋە رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرىشىدىغانلىقىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكى ۋە ئۆزلىرىدە ئۇنىڭغا ئەۋەتىلگەن فاكسنىڭ بىر نۇسخىسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى زاتلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مارگارىتا خانىم باش كونسۇل ياڭدىن بۇ تەكلىپنامىنى قەيەردىن ئالغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ، «بىزنىڭ ئۆز ئادەملىرىمىز بار» دەپ جاۋاب بەرگەن. مارگارىتا خانىم بۇ ۋەقەنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا ميۇنخېندا كۆرۈشكەندە سۆزلەپ بېرىپ، خىتاي باش كونسۇلىنىڭ ھەرىكىتىنى «جاسۇسلۇق قىلمىش» دەپ ئەيىبلىگەن.
گېرمانىيە ئاخباراتلىرىدا ئاشكارىلانغان بۇ ۋەقە، كۆزەتكۈچىلەردە خىتاي كونسۇلخانىسىنى مارگارىتاغا ئەۋەتىلگەن تەكلىپنامە بىلەن تەمىنلىگەن، خىتاي باش كونسۇلى ياڭنىڭ «ئۆز ئادەملىرى كىم؟» دېگەن سوئالنى تۇغدۇرماقتا. (مېھرىبان)