2006.11.26

گېرمانىيىدىن ئىگىلىشىمىزچە ئۈچ كۈندىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا 26 – نويابىر كۈنى قۇرۇلتاي قاتناشقۇچىلىرىنىڭ بىردەك ئاۋاز بېرىشى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا قاتنىشىشى ئۇيغۇرلارغا زور ئىلھام بولغان بولۇپ، جامائەت بىردەك ھالدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلگىرىكى پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر دەۋاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رابىيە قادىر خانىم بۇ يىل ماي ئېيىدا ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپ قوللاپ كەلگەن ئىدى.

پېنسىيىگە چىققان گېنېرال مۇھەممەد رىزا بېكىن پەخرىي رەئىس بولۇش بىلەن يەنە قازاقىستاندىن قەھرىمان غوجامبەردى، گېرمانىيىدىن ئەسقەرجان، تۈركىيىدىن سېيىت تۇمتۈرۈك قاتارلىقلار مۇئاۋىن رەئىس بولدى.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن. (ئۈمىدۋار)