2006.11.24
مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى جۈمە كۈنى ميۇنخېندا 11 دۆلەتتىن كەلگەن تەخمىنەن 60 دەك ۋەكىلنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ۋە بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ كۈزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا قۇرۇلتاي باشلىنىشتىن بۇرۇن بەرگەن بىر باياناتتا، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ خەلقئارا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تارىخىدا «دەۋر بۆلگۈچ» يىغىن بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا خەلقئارا ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىشى بەلگىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇرۇلتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدا بەزى ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن.
كۈزەتكۈچىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىسى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىش مۇمكىنچىلىكى زور، دەپ قارالماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلتاي توغرىسىدا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە ئىنكاس بىلدۈرگەن ياكى بىلدۈرمىگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى2004 -يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 1 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى ۋە بۇنىڭدىن بۇرۇن چاقىرىلغان يىغىنلار توغرىسىدا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن. شۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينى «تېررورچىلار» نىڭ يىغىلىشى، دەپ ئەيىبلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى يىغىننى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، يىغىلىشنى گېرمانىيە قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن، دەپ قوغدىغان. (ئەركىن)