2006.11.17

خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پۈتۈن تۈرمىلەردە مەھبۇسلارنىڭ 64 % تىن كۆپرەكىنى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ ئەيگو، » ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پۈتۈن تۈرمىلەردە ئاز سانلىق مىللەت جىنايەتچىلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى پۈتۈن جىنايەتچىلەر ئومۇمى نىسبىتىنىڭ 64 % دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ » دەپ تەكىتلىگەن. لېكىن ئۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى شۇنداقلا 64 % دىن كۆپرەك ئاتالمىش جىنايەتچىلەر ئىچىدە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قانچىلىك ساننى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىك ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلار ۋاڭ ئەيگو ئاشكارىلىغان بۇ ساننىڭ ئىچىگە كىرمەسلىكى مۈمكىن. تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇ يەردە ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەھبۇسلارنى كۆزدە تۇتقان. لېكىن خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنىدا ج خ ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ كىشىلەرنى سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىسىز ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇش ياكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىغا ئەۋەتىش ھوقۇقى بار. خىتاينىڭ بۇ ئەدلىيە سېستىمىسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. (ئەركىن)