2006.11.14

11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، ھەر قايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا، گېرمانىيە ئۇيغۇرلىرىمۇ 1933 – يىلى ۋە 1944 – يىلى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتلىرىمىزنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى ئالاھىدە مول بولدى. بۇ كۈنى، يالغۇز جۇمھۇرىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈپلا قالماستىن، مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ نەزىرىسىمۇ ئۆتكۈزۈلدى ۋە «ئۇيغۇر مۇكاپاتى» سەپەرۋەرلىكى ئېلىپ بېرىلدى. شۇنداقلا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىدىن دوكلاتلار بېرىلدى. د ئۇ ق نىڭ پائالىيەتلىرىدىن دوكلاتلار بېرىلدى ھەمدە مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ ھايات چاغلىرىدا ئېلىپ بارغان سىياسىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى. ئاخىرىدا، مەرھۇمنىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەنگەن مەخسۇس فىلىم سورۇن ئەھلىنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلدى ھەمدە مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا – تىلاۋەت قىلىندى.

ميۇنخېن شەھىرىدىكى «بىر دۇنيا ئۆيى» ناملىق پائالىيەت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىملارغا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى ۋە گېرمانىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن يۈزلىگەن ئۇيغۇر جامائىتى ئىشتىراك قىلدى.