2006.11.13

11‏- ئاينىڭ 12 كۈنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار 1933‏- يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944‏- يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلىدى ھەمدە 29‏- ئۆكتەبىر كۈنى ۋاپات بولغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشىچىسى، كومپوزىتور ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى كۈرەش كۈسەننىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە- قۇرئان ۋە دۇئا – تىلاۋەت قىلدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە خانىمنىڭ يېتەكچلىكىدىكى ئۇيغۇر -ئامېرىكا بىرلەشمىسى تەرىپىدىن شىمالىي ۋېرجىنىيادا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە نيۇيورك، نيۇجېرسى پېسىلۋانىيە، كالىفورنىيە ۋە بوستون قاتارلىق شتاتلاردىن كەلگەن ۋە ۋېرجىنىيا، مارىلان ۋە ۋاشىنگتون د س ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە تۈركىيىدىن كەلگەن ئاتاقلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخەسسىسى، تۈركىيىنىڭ قوچ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تېمۇر خوجا ئوغلى قاتارلىقلار بولۇپ ئىككى يۈز ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

يېغىننىڭ ئىچىلىشىدا سۆز قىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، 20‏- ئەسىر ئىچىدە ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ، دۇنياغا ھەرقاچان ئۆز مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلىشىپ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.

كۈرەش كۈسەننىڭ روھىغا جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى يولىدا شېھىت بولغان قۇربانلارغا ئاتاپ خەتمە – قۇرئان ۋە دۇئا ۋە تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلانغان جۇمھۇرىيەت كۈنى پائالىيىتى 1933‏- يىلى 12‏- نويابىر كۈنى قەشقەردە سابىت داموللامنىڭ ۋە 1944‏- يىلى غۇلجىدا ئەلىخان تۈرەمنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخىي، دۆلەت قۇرۇلمىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئاخىرىدا يوق قىلىنىش سەۋەبلىرى ھەققىدە بېرىلگەن دوكلاتلار بىلەن ئاخىرلاشتى.

بۇ ئارىدا، يەنە جۇمھۇرىيەت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 11‏- ئاينىڭ 12‏- كۈنى ئۆزلىرىنى سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى دەپ ئاتىغان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر، ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى. (قانات)