2006.11.06
رايوندا يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن، بۇ ئاي ئىچىدە قازاقىستاننى زىيارەت قىلىدۇ.
قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى يېرجان ئاشىقبايېۋنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ۋاڭ لېچۈەن 13 – نويابىردىن 14 – نويابىرگىچە قازاقىستاننى زىيارەت قىلىدىكەن. لېكىن ئاشىقبايېۋ ۋاڭنىڭ قەيەرلەردە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى. ئۇ پەقەت بۇ زىيارەتنىڭ » شىنجاڭ بىلەن سودا، ئىقتىسادى، مەبلەغ سېلىش ۋە رايون خاراكتىرلىك ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئۈستىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي قازاقىستاننىڭ نېفىت ۋە تەبئىي گاز بايلىقىغا جىددى ئېھتىياج بولىۋاتقان دۆلەت بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىككى دۆلەت نېفىت – تەبئىي گاز سودىسىدىكى قاتناش تۈگۈنى. ئاتاسۇ – ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبىسى بولسا ئىككى دۆلەت ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ مەھسۇلى.
قازاقىستان، تاشقى دۇنيادا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت بولۇپ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە پەۋقۇلئاددە سەزگۈر مۇئامىلە قىلماقتا. قازاقىستان، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچى كۈچلىرىنى باستۇرۇشىغا ياردەملىشىۋاتقان شاڭخەي ھەمكارلىق گۇرۇھىدىكى شېرىكلىرىنىڭ بىرى. قازاقىستان ھۆكۈمىتى تېخى بۇ يازدىلا يۈسۈپ قادىر قاتارلىق ئىككى نەپەر ئۇيغۇر سىياسى مۇساپىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر بۇ ئىككى ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىپ باقمىدى.
ئاشىقبايېۋ، رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىقنىڭ قايسى كونكرېت مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ۋە ۋاڭ لېچۈەننىڭ كونكىرىت زىيارەت كۈنتەرتىپىنى ئاشكارىلىمىدى. (ئەركىن)