2006.11.03

مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر، تەرەپلەرنى 2008 – يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئۈزلۈكسىز باستۇرۇۋاتقان، كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىكى داۋام قىلىۋاتقان ئەھۋالدا ئولىمپىك يىغىنىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش توغرا ئەمەس. ئۇ، خەلقئارادا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن 16 – ئۆكتەبىردە ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى باستۇرۇشنى مەقسەد قىلغان»ئالدىنئالا قول سېلىش، باش كۆتەرگەن ھامان ئۇجۇقتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ رايوندا داۋاملىق يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي رابىيە قادىرنىڭ تۈرمىدىكى 3 ئوغلىنى سوتلىغان ئىدى.

رابىيە قادىر خانىم، نورۋىگىيە » بېرگىن تىدەندﯤ» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئولىمپىك يىغىنى ھەققىدە توختىلىپ،» مەن نورۋىگىيە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خىتايدا ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ، دىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن » دېدى. ئۇ، پەيشەنبە كۈنى نورۋىگىيىنىڭ بېرگىن شەھىرىدە رافتو مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

رابىيە قادىر، 2004 – يىلى باجياخۇ ئاياللار تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان مەزگىلدە بۇ مۇكاپات ئۇنىڭغا بېرىلگەن. ئۇ، » خىتاينى دەۋرىمىزدە دۇنيادىكى ئەڭ فاشىستىك دۆلەت دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز » دەيدۇ. رابىيە قادىر نورۋىگىيە كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ماختىدى ۋە » خىتايغا ئوخشاش بىر دۆلەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىنى قانداقمۇ قوبۇل قىلغىلى بولسۇن » دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)