2006.11.02
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار بۆلۈمى ئاتاقلىق ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى، سەنئەتكار كۈرەش كۈسەننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمەقۇرئان ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە بىر قىسىم سىياسىي پائالىيەتچىلەر سۆزگە چىقىپ، مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ پائالىيەتلىرى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بەردى.
بۇ ھەقتە گېرمانىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز پەرھات مۇھەممىدىدىن ئاڭلاڭ.