2006.11.01

kuresh-kusen-miyit-200.jpg
مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ مېيىتى 1 – نويابىر كۈنى ئۇزىتىلدى

ھايات قىممەتلىك ئەمما تولىمۇ چەكلىك، ئەنە شۇ چەكلىك ھاياتتا ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ گەرچە جىسمى بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ روھى ئەبەدىي ‏- ئەبەد ھايات قالغانلار ئارىسىدا داستان بولۇپ كۈيلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئوغلى كۈرەش سۇلتان كۆسەن ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش جېڭىگە ئۆزىنى ئاتىغان، ئاخىرقى تىنىقىغا قەدەر «ئۇيغۇرۇم» دەپ سۆزلەپ «ئۇيغۇرۇم» دېگەن ناخشىسىنى ياڭراتقان كۈرەش كۆسەن خەلقى، قېرىنداشلىرى ۋە پەرزەنتلىرى قەلبىدە مەڭگۈ ھايات.

ئۇزۇن يىللاردىن بېرى، ئەلەم بىلەن قەلەم كۈرىشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرەش كۆسەننىڭ تېخى قىلىپ بولالمىغان ئىشلىرى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئىدى، چۈنكى ئۇ خەلقىنىڭ شادلىق كۈلكىسىنى كۆرمىدى، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئەزىز دىيارىغا قەدەم تاشلىيالمىدى، ئۇ پەرزەنتلىرىنى ئۆزىگە ئوخشاش شىجائەتلىك قىلىپ يېتىشتۈرۈپ ئەلگە قېتىش ئارمىنىغا يەتمىگەن ئىدى.

كۆرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمرىيى بەختىگۈل خانىم، ھايات سەبدىشىنىڭ چىرىقىنى ئاداققىچە يورىتىدىغانلقىنى، ئۇ قىلىپ بولالمىغان ئىشلارنى، ئۇلۇغۋار خىزمەتلەرنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە پىغانلىق ھەسرىتىنى تۆكتى.

ھەقىقەتەن كۆرەش كۆسەن ئەپەندى 47 يىللىق ھاياتىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزدى، شۇڭا ئۇيغۇر خەلقى ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈلۈك ئايرىلىشقا چىدىماي، ئۇنىڭغا قىيماي ھەسرەتلىك پىغانلىرىنى تۆكمەكتە. مەشھۇر شائىر ئەخمەتجان ئوسمان مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتىغان مىسرالىرىدا مۇنداق دەيدۇ:

سېنى كۈتىمىز

(مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ روھىغا) ئەخمەتجان ئوسمان

كېتىپ قالدىڭ بالدۇر نېمانچە؟ ئاتمىدىغۇ تېخى تېڭىمىز! مۇڭداشقانچە دۇتتارىڭ بىلەن، تۈنىمەكتە مىللىي ئېڭىمىز.

چاقىردىمۇ ياكى شېھىتلەر، ئاڭلىغۇسى كېلىپ بىر پەدە؟ سوراپ باققىن ئۇلاردىن، دوستۇم، قۇياشىمىز تېپىلار نەدە!

كېلەلمىسەڭ ئەگەر سەن قايتىپ، بىز قالىمىز ئۇچۇرسىز يەنە. ئاي-يۇلتۇزلۇق ئاسمىنىمىزدا قالار زۇلمەت قىلىپ تەنتەنە.

كۆرەش كۆسەننىڭ يېقىن سەپدىشى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا سەبىر تىلىدى ۋە مەرھۇمنىڭ خىسلەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

توغرا، كۆرەش كۆسەن خەلقىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى، ئەمدى ئۇ ناخشا ئېيتمايدۇ، ئەمدى ئۇ كۈلمەيدۇ، ئۇ مەڭگۈلۈك خەلقى بىلەن ۋىدالاشتى.

» ياق» دېگەن بىر ئاۋاز چىقتى، كۈرەشنىڭ جەڭگە ئاتىغان ئوغلى كىچىك كۆرەش «مەن دادامنىڭ ئىزىدىن ماڭىمەن» دەپ جاكارلىدى. كۆرەش ناھايىتىمۇ توغرا ئېيتقان ئىكەن، ھەقىقەتەن «كۆرەش ئۆلمەپتۇ»، ئۇنىڭ ئىزباسارى ئۇنىڭ ئىزىنى داۋملاشتۇرىدۇ. (ئەقىدە)