2006.11.01

ئۇيغۇر ئېلىدە ۋە چەتئەللەردە تونۇلغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومپوزىتورى، شائىر ، مەشھۇر ناخشىچى ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە شۋېتسىيە دۆلەت مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تالانتلىق سەنئەتچىسى ۋە شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى كۈرەش كۈسەننىڭ مېيىتى 2006 – يىلى 1 – نويابىر كۈنى ئۇزىتىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە، 47 ياشتىكى كۆرەش كۈسەن تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى سەۋەبى بىلەن شۋېتسىيىنىڭ ئېسكىلىستون شەھىرىدىكى مالېرىن دوختۇرخانىسىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتكەن.
مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى ۋە شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە شۋېتسىيىلىك مېھمانلاردىن باشقان گېرمانىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، ئەنگلىيە، قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكلىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر ئەۋەتكەن تەزىيەنامىلەر ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
مەرھۇمنىڭ مىيىتى ئۇزۇتىلغاندىن كېيىن، مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر بېرىلدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇندىن ئاڭلاڭ.