2006.10.27

رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى سوت قىلىندى

خىتاي دائىرىلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيتىنىڭ 3-كۈنى يەنى 26-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ ئالىم ئابدۇرېيىم، قاھار ئابدۇرېيىم ئىسىملىك ئىككى ئوغلى ئۈستىدىن سوت ئاچقان بولسىمۇ، لېكىن سوت نەتىجىسىنى ئېلان قىلمىغان. ئىگىلىشىمىزچە، ئۇلارغا ئالدىن تەييارلانغان ئەيىبلەشلەرگە قول قويدۇرۇلغان. رابىيە قادىرنىڭ مەمەت قادىر ئىسىملىك قېرىندىشى سوراق قىلىش ۋە قاتتىق جىسمانىي خورلاشقا ئۇچرىغان بولۇپ، رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە سوتلىنىشى شۇنىڭدەك خورلاشلارغا ئۇچرىشى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلماقتا، خەلقئارا ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلماقتا.

ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئېلىنى داۋاملىق ئىدارە قىلىدۇ

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ۋاڭ لېچۈەن يەنە قايتا ئاپتونۇم رايون پارتكوم سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەن. ۋاڭ لېچۈەن 1991 – يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكومىدا ئالىي ھوقۇق تۇتۇپ كەلمەكتە ۋە بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئۇيغۇرغا قارىتا باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر ۋاڭ لېچۈەننىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن «ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش «نامى ئاستىدا كۆز قارىشى ئوخشىمىغان ئۇيغۇرلارنى ۋە دىنىي ئەربابلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى تەنقىد قىلماقتا شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىمۇ بۇ جەھەتتە ۋاڭنىڭ سىياسىتىنى ئەيىبلىمەكتە.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى جۈملىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەد توختى ۋاڭنىڭ بۇ قېتىم پارتكوم سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۇيغۇر ئېلى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ داۋاملىق تەقىپلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ مۇلاھىزە قىلدى.

جياڭشىدىكى ئىككى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

جياڭ شىدىكى ئىككى ئالىي مەكتەپنىڭ ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى مەكتەپ دىپلومىنىڭ ئېتىراپ قىلىنماسلىقىغا نارازى بولۇپ، سەيشەنبە كۈنى كەچتە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. نامايىش جەريانىدا مەكتەپ قورۇسىدىكى ماشىنىلار ۋە مەكتەپ مال – مۈلكىنى ئۇرۇپ – چېقىش ئىشلىرى يۈز بەرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 2000 دەك ئۇيغۇر بار ئىكەن. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، جياڭ شى دائىرىلىرى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ كېڭىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كۆپ ساندا ساقچىلارنى ئىشقا ۋەقەنى تىنجىتقان. ھازىر بۇ ھەقتە تۈرلۈك خەۋەرلەر تارقالماقتا.

ئىراقتا بىر ئاي ئىچىدە 96 ئامېرىكا ئەسكىرى قازاغا ئۇچرىدى

ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، 5 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ئىراقنىڭ غەربىدىكى ئەمبەر ۋىلايىتىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە قازا قىلغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 96 يەتكەن.

ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈم –يېتىم ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشى، ئامېرىكا جامائەتچىلىكى ئارىسىدا تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا. ئۇرۇش جەريانىدا ئىراق پۇقرالىرىمۇ ئىچكى توقۇنۇشلار تۈپەيلىدىن كۆپلەپ ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۆلگەن ئىراق پۇقرالىرىنىڭ سانىنىڭ 650 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارمۇ پەيدا بولغان.

خىتاي بىلەن فرانسىيە 14 خىل كېلىشىم تۈزدى

فرانسىيە پرېزىدېنتى جاك شىراك پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن 14 تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمىگە قول قويدى. بۇ كەلىشىملەر ئىچىدە فرانسىيىنىڭ A350 ۋە A320 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنى خىتايغا سېتىپ بېرىش ھەمدە بۇ خىل ئايروپىلانلارنى بىرلىكتە ياساش قاتارلىق كەلىشىملارمۇ بار ئىكەن. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، جاك شىراك بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ سۆھبىتى جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا ۋەدە بەرگەن. ئەمما، كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ ۋەدىلىرىنىڭ ئىشقا ئېشىشىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

رۇسىيە بىلەن خىتاي قورال ياراق سودىسىنى داۋاملاشتۇرماقتا

قورال-ياراق سودىسى رۇسىيە-خىتاي ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى، نۆۋەتتە، خىتاي رۇسىيىنىڭ قورال -ياراق سودىسى جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ خېرىدارلىرىدىن بىرى بولۇپ، موسكۋا ھەربىي دائىرىلىرى خىتاي بىلەن ھىندىستاننى مۇھىم قورال ئېكىسپورت قىلىدىغان نۇقتىلىرىغا ئايلاندۇرغان. ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، خىتاي رۇسىيىدىن يەنە 50 دانە «سۇ-33» تىپلىق ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى. ھازىر ئۇلار ئارىسىدا سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا.

خىتايدا ئۈچ يىل ئىچىدە 67 مىڭدىن ئارتۇق پارىخور ئەمەلدار پاش قىلىنغان

خىتاي ئالىي سوت تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە2003 ‏- يىلى 1 ‏- ئايدىن باشلاپ 2006 ‏- يىلى 8 – ئايغا قەدەر، خىتايدا پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن پاش قىلىنغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ سانى 67 مىڭدىن ئاشقان. ھەمدە بۇ يىلنىڭ ئۆزىدىلا 17 مىڭدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئالىي سوت تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغان.

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى ئېلىپ چەتئەللەرگە قېچىپ كېتىش مەسىلىسى ئىكەن. 2004 ‏- يىلىدىكى بىر ئىچكى ماتېرىيالدا ئېيتىلىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى ئېلىپ چەت ئەللەرگە قېچىپ چىققان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سانى 4000 دىن ئاشقان ئىكەن.(ئۈمىدۋار)