2006.10.23
ئىسلام ئالىمىنىڭ مۇقەددەس بايرىمى بولغان روزى ھېيىت 10 – ئاينىڭ 23 -كۈنى باشلىنىپ كەتتى. بۇ ھېيىت دۇنيادا بولغانغا ئوخشاش تۈركىيىدىمۇ قىزغىن تەبرىكلەنمەكتە.
تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ تۈركلەرگە ئوخشاشلا ھېيتلىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى، چوڭلىرىنى يوقلىماقتا. ھېيىت خۇشاللىقىغا چۆمگەن بالىلار يېڭى كىيىملىرىنى كىيىشىپ خوشال – خورام ئوينىماقتا. ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.
بۇ ھەقتە تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.