2006.10.20
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلزا رايىس بېيجىڭدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مەۋجۇت، دەپ جاۋاب بەرگەن.
كوندىلىزا رايىسنىڭ جۈمە كۈنى لى جاۋشىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئەسكەرتىشىچە،ئۇ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندىن سىرت، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك بەزى شەخسى دېلولار ئۈستىدە توختالغان. ھەر ئىككىلا تەرەپ بۇ شەخسى دېلولارنىڭ كىملەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىدى.
لېكىن رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، رايىس، نيۇ – يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق تەتقىقاتچىسى جاۋ يەن ۋە خىتاي دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى ياڭ جيەنلىلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇشى مۇمكىن. نۆۋەتتە بۇ كىشىلەر خىتاي تۈرمىسىدە ياتماقتا.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ تۈرمىدىكى پەرزەنتلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىزىملىكىدىكى مۇھىم دېلولار ھېسابلانسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مەسىلىسى بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان ياكى قويۇلمىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
رايىس، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بۇ مەسىلىلەرنى كەلگۈسىدە داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لى جاۋشىڭنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇمۇ رايىسقا 2 نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دائىر تىزىملىكىنى تاپشۇرغان. ئۇ، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)