2006.10.16
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن يەنە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە 2006- يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى رابىيە قادىر خانىمنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى.
دۈشەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي بېسىم سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ۋاڭ لېچۈەن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇ رابىيە خانىمنى، ۋەتىنىگە خىيانەت قىلغان دەپ ئەيىبلىدى.
رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ لېچۈەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يېغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاشقا تىرىشقان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاساسلىق نىشانى يەرلىك خەلقلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى قوغداش ئەمەس، تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، دېگەن.
سۆزىدە مەدەنىيەت ھاياتىنىڭ خەلقنىڭ قورسىقىنىڭ توقلۇقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋاڭ لېچۈەن، ئەگەر خەلقنىڭ يېتەرلىك ئوزۇقلۇقى بولمىسا، ئۇسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتالمايدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ۋاڭ لېچۈەن تېررورچىلىققا قارشى ھەرىكەتنىڭ دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى چەتئەللەردىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ ئەيىبلەپ، ئۇلارغا قارشى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلپ بارماقتا ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بالىلىرىغا ھەتتا ئۆز ئۆيلىرىدىمۇ دىنىي تەلىم تەربىيە بېرىشنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)