2006.10.12

2006 ‏-يىللىق نوبىل » ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇققا بېرىلدى.

نوبىل مۇكاپاتى ئورگىنى ئورخان پامۇققا «مەدەنيەت توقۇنۇشىنىڭ سىمۋۇلى» دەپ نام بەرگەن، ئۇ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى تۈرك يازغۇچىسى ھېسابلىنىدۇ. ئورخان پامۇق 1952 ‏- يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ئىستانبۇل تېخنىك ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ بىناكارلىق كەسپىدە ۋە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ ئاخبارات بۆلۈملىرىدە ئوقۇغان.

ئورخان پامۇق 23 ياشقا كىرگەندە، رومان يېزىش قارارىغا كېلىپ، 1982 ‏- يىلى» جەۋدەت بەي ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى» ناملىق تۇنجى رومانىنى ئېلان قىلغان.

ئۇنىڭ ئىككىنچى رومانى» ئۈنسىز ئۆي » فرانسۇز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، كىتابخانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا مۈيەسسەر بولغاندىن سىرت، يەنە» Prix فرانسىيە مەدەنيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئورخان پامۇقنىڭ 1985‏- يىلى ئېلان قىلغان » ئاق قەلئە » رومانى 1990 ‏- يىلى دەسلەپ، ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، كېيىن نۇرغۇن تىللاردا نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ خەلقئارادا نام قازىنىشىغا يول ئاچتى.

ئورخان پامۇق، رومان، پوۋىست ۋە ھىكايە ئېلان قىلىپلا قالماستىن، تۈرلۈك ئىلمىي ژورناللاردا سىياسىي ماقالىلارمۇ ئېلان قىلغان. ئورخان پامۇق مەلۇم بىر سىياسىي ماقالىسىدە ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ سىياسىي زۇلمىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. (ئەقىدە)