2006.10.09

ئامېرىكىنىڭ » ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر رەھبىرى ۋە بۇ يىلقى نوبېل مۇكاپاتى نامزاتى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، بېيجىڭدىكى كوممۇنىست ھۆكۈمرانلارنىڭ قورقۇتۇش ۋە نەپرىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان 60 ياشلاردىكى نەۋرە كۆرگەن بۇ خانىم قانداق قىلىپ بۇ قەدەر خۇشخۇي بولالايدۇ ؟ دەپ سورىدى.

«ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ ئەسكەرتىشىچە،رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۆيى خىتاي مەخپىي ئاخباراتچىلىرى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنغان.

ماقالىدە، رابىيە قادىر خانىم بۇ يىل 1 – ئايدا ئۇچرىغان قاتناش ھادىسىسىنى «غەلىتە ۋەقە» دەپ كۆرسەتتى. مەزكۇر گېزىتكە بەرگەن باياناتىدا «مەن خەلقىم ئۈچۈن سۆزلىمىسەم بولمايتتى » دەپ تەكىتلىگەن رابىيە قادىر خانىم، » ئۇيغۇرلار نەچچە ئون يىللاردىن بېرى شۇ قەدەر ئېغىر زۇلۇمنىڭ ئاستىدا قالدىكى، مىللەت سۈپىتىدە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى «دەيدۇ.

ماقالىدە » مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، بالىلارنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىش، تارىخنى بۇرمىلاش، ئانا تىلنى چەكلەش، خىزمەت ۋە تەبئىي بايلىقلارنى خىتاي مىللىتىگە بۆلۈپ بېرىش قاتارلىقلار بۇ كىشىلەرگە ناتۇنۇش ۋەقەلەر ئەمەس » دەپ تەكىتلىگەن.

شۇ كۈنى قاتاردا ئىنگىلىزچە چىقىدىغان «يېرىم ئارال» گېزىتى،ئاسىيا خەۋەرلەر تورى،ئىنگىلىزچە ئىسلام تور بېتى ۋە تورداشلار تور بېتى قاتارلىق مەتبۇئاتلار رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى. (ئەركىن)