2006.10.05

مەن يېقىندا ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى يەنە زىيارەت قىلدىم، ‏-‏-‏- دەپ بايانىنى باشلايدۇ ھازىر بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل يازغۇچى ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى يېقىندا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۈچۈن يازغان بىر ئوبزورىدا، ‏-‏-‏- مەن بارغانلىكى جايدا ›سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش‹ دەپ ئاتىلىدىغان بىر ھەرىكەت بولۇۋېتىپتۇ. دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىۋېتىپ، بىر تۇتاش پىلانلانغان ئۆلچەم بۇيىچە يېڭى ئۆيلەر سېلىنىۋېتىپتۇ. يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ شەكلى بىرخىل. ھەممىسى بىر سىزىققا تىزىلغان. بەزى يېزىلاردا گەرچە دېھقانلارنىڭ بۇرۇنقى ئۆيلىرى چېقىلىپ، مەھەللىلەر خارابىلىققا ئوخشاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئورنىغا تېخى ›سوتسىيالىستىك يېڭى ئۆيلەر‹ سېلىنىپ بولماپتۇ. مەن كۆرگەن ھەر بىر مەھەللە خۇددى بىر مەيدان چوڭ ئۇرۇشتا خاراپ قىلىنغان مەھەللىلەرگە ئوخشاپ قالغان ئىدى.

ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندىنىڭ تەسۋىرلىشىچە، ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئادەتتە ئىگىز – ئىگىز سەگە تېرەكلەر، ئۈزۈم باراڭلىرى قاپلاپ تۇرغان پاك -پاكىزە ھويلا-ئاراملار ۋە مەسچىتلەرنى ئەگىپ شىلدىرلاپ سۇ ئېقىپ تۇراتتى. بۇنداق كۆرىنىشلەرنىڭ ئۆزىلا بىر گۈزەل شېئىر ئىدى. ھۆكۈمەت بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىغان بۇنداق گۈزەللىك، يىللار داۋامىدا، خۇلۇم -خوشنىلارنىڭ ھاجىتىگە ماس كېلىدىغان مۇقىم كىشىلىك تۇرمۇش مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. ئەمما ھازىرقى بىر تۇتاش پىلانلاش ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى تارىخىي مەدەنىيەت جۇغلانمىلىرىنى، مەھەللىلەرنىڭ ئەسلىدىكى تەبئىي گۈزەللىكىنى ۋە كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ۋەيران قىلغان.

ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار ھازىر بۇنداق ›سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا‹ دېگەن ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. بۇ جاي، زېمىن ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرسا، نېمە ئۈچۈن سىرتتىن كەلگەنلەر بۇنىڭغا خوجايىن بولۇۋالىدىكەن؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىكى ئۆي-ماكانلىرىدىن كۆچۈشنى خالىمايدۇ. ئەمما ھوقۇق ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدا ئەمەس، كۆچمەسكە ئامالى يوق. ھازىر كونا مەھەللىلەردە ئېرىق – ئۆستەڭ سىستېمىسى بۇزۇپ تاشلانغان، شۇڭلاشقا ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى لايىھىلەپ چىققان ›سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا’غا كۆچمەي ئامال يوق. گەرچە ھۆكۈمەت ھەر بىر ئائىلىگە 3000 يۈەن قوشۇمچە پۇل بەرسىمۇ، ھۆكۈمەت پىلانلىغان ›سوتسىيالىستىك ئۆي‹ ئۈچۈن دېھقانلار ئۆزلىرى يەنە 20 مىڭ يۈەن پۇل تاپشۇرمىسا بولمايدۇ. بۇنچە كۆپ پۇلنى تاپشۇرالمىغان دېھقانلار تېخىچە ۋەيرانىلىقتىكى كونا ئۆيلىرىدە تۇرۇۋېتىپتۇ.

ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندىنىڭ تەسۋىرلىشىچە، ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ›سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا‹ ھەرىكىتىدە پەيدا بولغان ئەھۋاللار ھازىر تىبەتتىمۇ پەيدا بولۇۋېتىپتۇ. گوڭگا ئايرودرومىدىن لاسانىڭ شەھەر ئىچىگە كېلىدىغان يولدا، بۇرۇنقى كونا ئۆيلەرنىڭ ئورنىغا پۈتۈنلەي بىر-بىرىگە تامامەن ئوخشايدىغان يېڭى ئۆيلەر سېلىنىپ بوپتۇ. ھەممە ئۆينىڭ ئۈستىدىكى دۆلەت بايرىقى قادايدىغان توچكىمۇ ئوخشاش. لىنزىغا بارىدىغان يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە سېلىنغان ئۆيلەرمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدىكەن. ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىدىكى قاڭالتىرلارنى سىرلىغان سىرنىڭ رەڭگىمۇ ئوخشاش، يا ھەممىسى قىزىل يا ھەممىسى كۆك. بۇ مەھەللىلەر خۇددى خىتايدىكى ۋاقىتلىق ئارامگاھلارغا ئوخشاپ قالغان. ئەمما بۇ جايدىكى تارىخىي مەدەنىيەت بەلگىلىرى، كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان مەھەللىلەر پۈتۈنلەي يوقالغان. بۇ تىبەتتىكى ›سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش‹ دېگەن ھەرىكەتنىڭ كارامىتى. مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن ئەمەلدارلار بۇنى ئۆزىنىڭ سىياسىي نەتىجىسى دەپ كۆز-كۆز قىلىدىكەن. ھازىر تىبەتتىمۇ ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكىگە ئوخشاش ئەسلىدىكى مەھەللىلەردىكى تارىخىي، مىللىي مۇناسىۋەتلەرنى يوق قىلىدىغان ›سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا‹ پەيدا بولۇۋېتىپتۇ. بۇ ھەرىكەت ئەمەلىيەتتە مۇستەبىت ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە ۋە ئەركىنلىككە مۇداخىلە قىلىۋاتقانلىقى ئىدى.