2006.10.03

سەككىز كۈندىن بۇيان پاكىستاندىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر ھاجى نامزاتلىرىغا ھەجىگە بېرىش ۋىزىسى بېرىلدى.

10 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنىدىن باشلاپ ، ئەرەبىستانغا ھەجگە بارماقچى بولغان نەچچە مىڭلىغان ھاجى نامزاتلىرى پاكىستاندىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىغا بارىدىغان يوللار ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، قۇرئان كىرىم ئوقۇپ نارازىلىق بىلدۈرگەن . ئۇلار بۇ خىل ھەرىكىتى ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىدىن ھەجگە بېرىش ۋىزىسى بېرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 5 ‏- ئايدا، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، خىتاي پۇقراسى بولغان مۇسۇلمانلارغا 3 ‏- بىر دۆلەتتە ۋىزا بەرمەسلىك قارارىنى چىقارغان . سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ، دەسلەپتە مەزكۇر جايغا بارغان بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر ھاجى نامزاتلىرىنىڭ ۋىزا ئىلتىماسلىرىنى رەت قىلغان.

پاكىستاندىكى ھەجگە بارماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نامايىش قىلىش، ئوچۇق خەت يېزىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىگە بولغان قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۇنىڭ بىلەن 10 ‏- ئاينىڭ 3 ‏- كۈنى، پاكىستاندىكى 2000 دىن ئارتۇق ھاجى نامزاتلىرىنىڭ ھەممىسىگە سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ۋىزا بېرىلدى. قولىغا ۋىزا ئالغان ئۇيغۇر ھاجى نامزاتلىرى شادلىققا چۆمۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ رابىيە خانىمغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتنى مۇخبىرىمىز ئەقىدەدىن ئاڭلىغايسىلەر.