2006.09.29

2006 – يىللىق نوبېل مۇكاپاتىنىڭ لائۇرىياتلىرىنى ئېلان قىلىش دۈشەنبە كۈنى بىرىنچى بولۇپ نوبېل تىببىي مۇكاپاتىنىڭ لائۇرىياتىنى ئېلان قىلىش بىلەن باشلىنىدۇ. نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بولسا 13 – ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنماقچى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ سابىق فىنلاندىيە پرېزىدېنتى مارتتى ئاختىسائارىغا بېرىلىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى سۇسىلو بامباڭ يۇدىيونولارنى ئاختىسائارى بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان ئەڭ كۈچلۈك نامزاتلار، دەپ كۆرسەتتى.

ئوسلو تىنچلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ستائېن توئېننېسون، «رابىيە قادىر مۇۋاپىق نامزات، چۈنكى ئۇ بىر ئايال شۇنداقلا بىر مۇسۇلمان» دەيدۇ.

ئاختىسائارى ب د ت نىڭ كوسوۋا مەسىلىسىنى كېلىشتۈرگۈچى ئەمەلدارى ۋە ھىندونېزىيە بىلەن ئاچېخ پارتىزانلىرىنى ياراشتۇرۇش سۆھبىتىدە ۋاستىچى بولغان. پرېزىدېنت بامباڭ يودىيونو ئاچېخ مەسىلىسىدىكى تۆھپىسى ئۈچۈن نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى. لېكىن توئېننېسون، «يودىيونونىڭ ھەربىيلىكتىن كېلىپ چىققانلىقى ئۇنىڭ ئۈچۈن پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرگۈندىكى رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ سايلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق» دەپ تەكىتلىگەن.

رابىيە قادىر خانىمنى شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى ئېنىكسېن خانىم نامزاتلىققا كۆرسەتتى. ئۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى «رابىيە قادىرنىڭ ئىستىبدات ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرۇش يولىدا ئىپادىلىگەن جاسارىتى» ۋە «ئۇيغۇر خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش يولىدا كۈرەش قىلغانلىقىدۇر» دەپ چۈشەندۈرگەن. (ئەركىن)