2006.09.25
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىنىڭ ئىندىياننا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ئىندىياننا شتاتىدا، تۈرلۈك تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىنلارغا قاتنىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرمەكتە.
ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، 9 – ئاينىڭ 24 – كۈنى رابىيە خانىم ئىندىياننا شتاتىنىڭ بۇلۇمىڭتون شەھىرىدىكى چوڭ چېركاۋدا ئامېرىكىلىقلارغا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بولۇپمۇ كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1949- يىلىدىن يەنى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
رابىيە خانىم شۇنداقلا بۇ يېغىنغا قاتناشقان ئامېرىكىلىقلاردىن ئۆز ھۆكۈمىتىگە ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ۋەكىللىرىگە خەت يېزىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشنى توختىتىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.
رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن ئىندىياننا ئۇنىۋېرسىتېتىدا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە ئىندىياننا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە بىرلىكتە تەشكىللىگەن بىر يېغىنغا قاتنىشىپ، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ ۋە يېغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى سۇئاللىرىنى جاۋابلاندۇرىدۇ. (قانات)