2006.09.25

مۇسۇلمانلار ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا ئوتتۇز كۈن روزا تۇتىدۇ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتا ئەڭ مۇھىم 5 پەرزنىڭ بىرى ھېسابلانغان رامىزان ئېيى، مۇسۇلمانلارنى ئىرادىسىنى كۈچەيتىش بىلەن تەڭ، ئارزۇ – تىلەكلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا، ئاجىز ۋە يېتىم – يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاشقا ئوخشاش ياخشى نىيەت باغلاشقا چاقىرىدۇ.

ئومۇمەن رامىزاننىڭ ئىسىل خاسىيىتى شۇكى، ئىنسانلار ئاللاغا بولغان سېغىنىشىنى، ئاللاغا بولغان ئېتىقادىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىر كۈن تائامسىز نەپىسىنى يىغالايدۇ، ئاشلىقنىڭ قىممىتىگە بولغان قارىشىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىرلىكتە روزا تۇتۇش شەكىللەنگەن، يېقىن ئۇرۇق – تۇغقان، دوست ‏- يارەنلەر بىر ئارىغا جەم بولۇپ، ناماز ئوقۇيدۇ، زولۇق يەيدۇ ۋە ئىپتار قىلىدۇ. مەزكۇر يىغىلىشتا دىنىي ئەخلاق، قائىدە يوسۇنلىرى ھەققىدە سۆز قىلىشقا ئوخشاش ھەر خىل تەلىم تەربىيەلەر تەرغىپ قىلىنىپ، چوڭلار كىچىكلەرنى يېتەكلەشكە ئوخشاش پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.

رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇبارەك رامىزان ئېيىنى قۇتلۇقلاپ، ئاللادىن ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئەركىنلىك، تىنچلىق، خاتىرجەملىك، سالامەتلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ئەقىدەدىن ئاڭلاڭ.