2006.09.19
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق يىتەكچىسى ۋە نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتى رابىيە قادىر خانىم، دۈشەنبە كۈنى نيۇ – يوركتا ب د ت باش كاتىپى كوفى ئاننان بىلەن كۆرۈشتى. لېكىن ئۇ، كوفى ئاننان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى ئۈستىدە توختىلىشنى رەت قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم كوفى ئاننان بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر ھەپتىلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ب د ت نىڭ نيۇ – يوركتىكى باش شتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا يىغىنغا قاتنىشىش جەريانىدا ئۇچراشقان. بۇ يىغىن سەيشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان ب د ت ئومۇمى قۇرۇلتىيىدىن بىر كۈن ئاۋۋال ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
رابىيە قادىر خانىم بۇ يىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نامزاتلىرىدىن بىرى، دەپ قارالماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنى نوبىل مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن زاتلارنى تەنقىدلىگەن ۋە رابىيە قادىر خانىمغا » تېرورچىلاربىلەن ئالاقسى بار،» دەپ ھۇجۇم قىلغان ئىدى. رابىيە قادىر، ب د ت قۇرۇلغاندىن بېرى ب د ت باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشكەن تۇنجى ئۇيغۇر رەھبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)