2006.09.18
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «دېموكراتىك ئەركىن شەرقىي ئاسىيا رەھبەرلىرى يىغىنى» غا قاتنىشىپ، تىبەت، موڭغۇل، تەيۋەن ۋە دېموكراتىك خىتايلار بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ۋە مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلماقچى.
ۋېي جىڭسىڭ فوندى جەمئىيىتى بۇ قېتىمقى يىغىنغا كاپالەتلىك قىلغان ئورگانلارنىڭ بىرى بولۇپ، يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسالار تەكلىپ قىلىنغان.
ئەگەر يىغىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلسە، بۇ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە دېموكراتىك خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا تۇنجى قېتىم كىشىلىك ھوقۇقنى ۋە دېموكراتىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشى بولۇپ قالىدۇ.
ۋېي جىڭسىڭ فوندى جەمئىيىتى دېموكراتىك ئەركىن ئاسىيا رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ مەقسىدىنى «ئۆز – ئارا چۈشەنچە تۇرغۇزۇش، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە بايرىقى ئاستىدا ئەركىن ئاسىيا ئىتتىپاقى قۇرۇش، ئاسىيادا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىموكراتىيە كۈرۈشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئالاقىدار رەھبەرلەرنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قەدەممۇ – قەدەم دۇنياۋى تور قۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىش، » دەيدۇ. (ئەركىن)