2006.09.14
نورۋىگىيىنىڭ ئانتارا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بىلدۈرۈشىچە، مەركىزى نورۋىگىيىدىكى خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ۋە خەلقئارالىق ئورگانلاردىن بىر قانچىسى بۇ يىل كۆرسىتىلگەن نوبېل مۇكاپاتى نامزاتلىرى ئۈستىدە خەلق رايىنى سىناش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
2006 - يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا كىمنىڭ ئېرىشىدىغانلىقى 13 - ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەزكۇر مۇكاپاتقا نامزات بولغانلىقى، ئۇيغۇر خەلقىنى چەكسىز سۈيۈندۈردى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار، كىشىلىك ھوقۇقلىرى قاتتىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى ھېسابلانغان رابىيە قادىر خانىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا لايىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا رابىيە خانىمنىڭ نامزات كۆرسىتىلىشىنىڭ ئۆزى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەنىۋىي رىغبەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
رايى سىناشتا، رابىيە قادىر خانىم، ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى يودھويانو ۋە فىللاندىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ئاستىھارىدىن كېيىن ئۈچۈنچى كۈچلۈك نامزاتلىققا تىزىلغان. (ئەقىدە)