2006.09.14

كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا بۆلىمى ھۈسەيىن جېلىل ئۆزبېكىستان دائىرلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۇ ئۆزبېكىستان دائىرلىرى تەرىپىدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندە ئىككى قېتىم جىددى تەدبىر ئېلىش چاقىرىقىنى چىقارغان شۇنداقلا، مەخسۇس ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى ھەققىدە ئىككى قېتىم مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىرغانىدى.
كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى سىناقتا
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان Gloria Nafziger خانىم ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدىكى قاتماللىق بىلەن كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ ئاساسەن سۇغا چىلاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ:
خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمەستىن، ئۈنتىنسىز تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ تەقدىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۇ ھەقتە جىددى تەدبىر ئېلىش چاقىرىقى چىقارغان ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندى ھەققىدىكى سوتنىڭ ئادىل بولىشىغا ۋە كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ھەم ئۇنىڭ كاناداغا قايتىشىغا يول قۇيۇشنى تەلەپ قىلغانىدۇق. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندى بىلەن كۆرۈش تەلىپىنى يەنىلا رەت قىلماقتا ۋە ئۇ ھەققىدىكى سوتنىڭ ئادىل بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن باش تارتماقتا. بۇ كانادا پۇقراسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر خىلاپ ھەركەت.. خىتاينىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، قىلماسلىقى كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن جىددى سىناق بولماقتا»، دېدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنى سوت قىلىشتا چىڭ تۇرىدىكەن بۇ سوت خەلقئارا ئۆلچەملەر بويىچە بولۇشى كېرەك
ئەگەر ئۇ تېررورچى بولسا ياكى ئۇ تېررورچى، دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسا، ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھۆكۈمنى قانداق چىقارغانلىقى ھەققىدىكى دەلىل –ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.
كانادا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سىياسى پاناھلانغۇچىلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى Gloria Nafziger خىتاي دائىرلىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى تېررورچىلىقتا ئەيىبلىمەكچى بولغانلىقى ھەققىدىكى باياناتىدىن باشقا، ئۇ ھەقتە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈشتە بولمىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ:
«ئەگەر ئۇ تېررورچى بولسا ياكى ئۇ تېررورچى، دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسا، ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھۆكۈمنى قانداق چىقارغانلىقى ھەققىدىكى دەلىل –ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. سىز بىراۋنى خالىغانچە تېررورىست ئېلان قىلالمايسىز. بۇرۇن ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندى سىياسى پارتىيە قۇرماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ تۈرمىسىدە ياتقانىدى. ناھايىتى ئېنىقكى، سىياسى پارتىيە قۇرغانغا تېررورچى بولۇپ قالىدىغان ئىش بولمايدۇ. مەن خىتاي دائىرلىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنى، قايسى پائالىيىتى ئۈچۈن، بۇ خىل ھەرىكەتكە چېتىپ، سوتلاۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەيمەن. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنى سوت قىلىشتا چىڭ تۇرىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ بۇ سوتنى جامائەتكە ئۇچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. سوتتا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشىغا يول قۇيۇلۇشى ۋە ئۇنىڭغا ئادۋۇكات بېرىلىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن نېمىنىڭ ئاق، نېمىنىڭ قارا ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ. ئۇنى ئەيىبلەش ئەمىلىيەتتە قۇرۇق نەرسە بولۇپ قالىدۇ،» دېدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن
ئۇ 11- سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشىغا پۇرسەت بولغانلىقىنى، ئامما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ:
«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەرگە قارىتا باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا ناھايىتى ئۇزۇن يىللار بولۇپ قالدى. بۇ خىل سىياسەت 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇرۇنلا بارىدى. مېنىڭچە، 11- سېنتەبىر ۋەقەسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرىدىغان يېڭى پۇرسەت ئاتا قىلدى. ئامما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغان ۋەقەلەر 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇرۇنلا ناھايىتى ئومۇملاشقانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۆرەش قىلغان ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل ناملار بىلەن ئۆلۈم جازاسى بەردى. بۇ خىل باستۇرۇش يەنىلا داۋام قىلماقتا»، دېدى.
ئەركىنلىكى، مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىش تېررورچىلىق ئەمەس
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنغا ئېتىقات قىلغانلارنىڭ تېررورچىلىق ئىدىيىلەر بىلەن قانداق باغلانغانلىقىنى كونكرېت ئوتتۇرىغا قۇيۇش مەسئۇلىيىتى بار. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشكە بولمايدۇ.
كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەسۇللىرىدىن بىرى بولغان Gloria Nafziger خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش سىياسىتىنىڭ ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشنىڭ يەنە بىر خىل يولى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ:
«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنغا ئېتىقات قىلغانلارنىڭ تېررورچىلىق ئىدىيىلەر بىلەن قانداق باغلانغانلىقىنى كونكرېت ئوتتۇرىغا قۇيۇش مەسئۇلىيىتى بار. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشكە بولمايدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن يىللاردىن بەرى ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ كەلدى. ئۆز ئەركىنلىكى، مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىش -تېررورچىلىق ھېسابلانمايدۇ. مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ئۆزى تېررورچىلىق بولمايدۇ»، دېدى.
Gloria Nafziger مەتبۇئاتلاردا ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەقدىرى ھەققىدە خىلمۇ –خىل قىياسلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى ۋە كانادا ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بۇ مەسىلىگە بىۋاستە ئارىلىشىدىغان پەيتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ:
«مېنىڭچە، كانادا ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندى مەسىلىسىدە يەنىلا جىمجىتلىق دىپلوماتىيىسىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە باش مىنىستىرنىڭ بۇ مەسىلىگە بىۋاستە قول تىقىشىدۇر. Stephen Harper چوقۇم بۇ مەسىلىنى قولىغا ئېلىپ، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقاندىلا، ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ قۇيۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ»، دېدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاۋازىدىن قورقۇدۇ
ئۇ مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە كادەر خانىمنىڭ خىتاينىڭ تۈرمىسىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا قارىتىلغان پسىخىك ھۇجۇملارنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ:
رابىيە قادىر مەسىلىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن زاماندىن بەرى خىتاي تەرىپىدىن قانداق زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرى، ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان سىياسى كۆزقاراشتىكى ھەرقانداق كىشىنىڭ ئاۋازىغا سەۋر قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.. خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى ھەققىدىكى سوتنىڭ جامائەتكە ئۇچۇق-ئاشكارا بولىشىغا كاپالەتلىك قىلمىسا، ئۇنداقتا بۇ سوتمۇ قانۇنسىز ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ»، دېدى.
ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولۇشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈنلا، خىتاي ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى چەكلىمەكتە
Gloria خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش سىياسىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ھەركەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«پۇقرالارنىڭ ئانا تىلدا سۆزلىشىشىنى چەكلەش شەخىسنىڭ ھوقۇقلىرىغا خىلاپ ھەركەت. ھەرقانداق كىشىنىڭ ئوز ئانا تىلىنىدا سۆزلىشىش، تەلىم ئېلىش ۋە ئۆز تىلىدا ئالاقە قىلىش ئەركىنلىكى بولىشى كېرېك. ئانا تىلىدا سۆزلىشىش، نەشىر ھوقۇقى، مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىلىرىنى قوغداش قاتارلىقلار كۆپلىگەن دۆلەتلەردە دەموكراتىك ھوقۇق، دەپ قارىلىدۇ. يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەر مىللى ئەنئەنىنى ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇق، دەپ قارايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى چەكلەش سىياسەتلىرىمۇ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ھەركەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈنلا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا ئۆچمەنلىك قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار خىتايدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ»، دېدى. (كامىل تۇرسۇن)