2006.09.12

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق يىتەكچىسى رابىيە قادىرنىڭ 2006 – يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكى خىتاي دائىرىلىرىنى بىئارام قىلدى.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنى » نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا مۇۋاپىق بولمىغان نامزات» دەپ ئەيىبلىدى ۋە رابىيە قادىرغا «چەتئەلدىكى تېررورلۇق كۈچلەر بىلەن مەخپىي ئالاقىسى بار» دەپ ھۇجۇم قىلدى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى ئاننېلېي ئېنوكسېن خانىم دۈشەنبە كۈنى رابىيە قادىر» خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زوراۋانلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش يولىدا ئىپادىلىگەن تەڭداشسىز جاسارىتى» ئۈچۈن بۇ يىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

رابىيە قادىر خانىمنى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك نامزات، دەپ جاكارلىغان ئېنوكسېن، » ئۇ ئۆز خەلقى ئۈچۈن زور كۈرەشلەرنى قىلدى» دەيدۇ. لېكىن خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ، رابىيە قادىرغا «چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق كۈچلىرى بىلەن مەخپىي ئالاقىسى بار» دەپ ھۇجۇم قىلىپلا قالماي، » جۇڭگوغا قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان»دەپ ھۇجۇم قىلدى.

چىن گاڭ، ئېنوكسېن خانىمنى ئەيىبلەپ، » مەن رابىيە قادىرنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەنلەرنىڭ مەقسىدىنى سوراپ باقماقچى » دەيدۇ. لېكىن ئېنوكسېن خانىم » رابىيە قادىر دالاي لاماغا ئوخشاش كۈرەش قىلدى. مەن ھېچكىمنى بۇ مۇكاپاتقا ئۇنىڭدەك لايىق،دەپ قارىمايمەن » دەپ تەكىتلىگەن.

نوبىل مۇكاپاتىنىڭ لائۇرىياتلىرى بۇ يىل 10 – ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنىدۇ. (ئەركىن)