2006.08.30
خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇر تارىخچىسى توختى موزارتنىڭ ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسورى سۇگىتاكا ساتو يېقىندا خىتايدىن توختى موزارتنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ مەخسۇس ئۈرۈمچىگە كەلگەن. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ توختى موزارت بىلەن كۆرۈشۈپ تەلىۋىنى رەت قىلغان.
ياپونىيىدە چىقىدىغان «ئاساخى گېزىتى» دە بۇ ھەقتە مەخسۇس » توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى تەرەپدارى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىنىپ، گەرچە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى سۇگىتا ساتو، توختى موزارت تۈرمىگە تاشلانغاندىن بۇيان 4 قېتىم ئۈرۈمچىگە بارغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىزچىل توختى موزارتنى كۆرسەتمەي كەلگەنلىكى يېزىلغان.
توختى موزارتنىڭ 63 ياشلىق پروفېسسورى سۇگىتا ساتو مەزكۇر گېزىتكە، «مېنىڭ ئۇنى كۆرۈشۈمگە يەنە ئىمكانىيەت بولمىدى. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىزنىڭ توختى موزارت مەسىلىسىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز ئەھمىيەتلىكتۇر» دېگەن. ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توختى موزارتقا قاراتقان بۆلگۈنچىلىككە قۇترۇتۇش ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشقا ئۇرۇنۇش ئەيىبلەشلىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى توختى موزارت قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىزچىل ئۇنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ئورنىنى ھازىرغىچە ساقلاپ قېلىپ، ئۇنىڭغا ياپونىيىگە قايتىپ كەلگەندە ئوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتىنى قالدۇردى. (پەرىدە)