2006.08.27

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار مەزكۇر قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىش نەتىجىلىرى ۋە تەجرىبىلىرى ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي ئورگانلار ۋە تەتقىقات ۋە ئالىي مەكتەپ ئورۇنلىرىنىڭ بىر قىسىم مىللىي مەسىلە نەزەرىيىچىلىرى ھەم ئالىملىرى «مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» نىڭ مۇكەممەللىشىش جەريانى ھەمدە ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىدىكى زور ئەھمىيىتىنى شەرھلەشكەن.

لېكىن، خىتاينىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ھەققىدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىنكاسى باشقىچە بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ ئاپتونومىيە سىياسىتى ھەققىدىكى باياناتىدا خىتاي رەھبەرلىرى يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇننىڭ نامى بار، ئەمەلىيىتى يوق، پەقەت قەغەز ئۈستىدىلا قالغان نەرسە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچ قاچان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەدە قىلغان ئاپتونومىيىدىن بەھرىمەن بولالمىغانلىقىنى، ئەكسىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەممە ھوقۇقىنىڭ خىتايلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكى، ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىزمەت تىلى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئۇيغۇر تىلىنىڭمۇ بۈگۈنكى كۈندە ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئىشلىتىلىشتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.(ئۈمىدۋار)